|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تەرغىپ قىلىڭ
|
|
|
نۇرغۇنلىغان ئەرلەر دائىم ئۆزىنىڭ ھەممە جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەگەر نىكاھ ئىشىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىيەلمىسە، ئۇلار ئۆزىنىڭ پىسخىك جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇڭا ئەرلەر ئايالىنىڭ مۇلايىم ۋە كەمتەر بولۇشىنى، تۇرمۇشنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئائىلىگە قارتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار شۇنداق بولغاندا ئايالىم تاشقى مۇھىت بىلەن بارا- بارا ياتلىشىدۇ- دە، ئۆزۈم ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەيمەن، دەپ قارايدۇ. ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدىغان ئاياللار بولسا، ھامان ئېرىنىڭ دوستىلىرى ياكى خىزمەتداشلىرىدىن ئۆزىنىڭ نىكاھىغا ياخشى ياكى يامان، ھەق – ناھەق نۇقتىسىدىن ھۆكۈم قىلىپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئېرىدىن نارازى بولغان تەرەپلىرىنى، مەسىلەن: ئىقتىدارسىزلىقىنى، باشقا ئەرلەردەك ئەركەك مىجەز ئەمەسلىكى، قورقۇنچاقلىقى، پۇل تاپالمايدىغانلىقى... نى سۆزلەپ يۈرىدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئېرىنى ئۆيدە قانداق ئەدەبلەيدىغانلىقى، ئۇرغالىرى، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئورنىنىڭ ئېرىدىن يۇقرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ماختىنىشتىن يانمايدىغان ئاياللارمۇ بار. ئۆز ئېرىڭىزنى « ئەسكى» دېسىڭىز، خەق ئۆزىنىڭ « ياخشى » ئېرىنى سىزگە بېرىپ تۇرمايدۇ. شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيدە ھەممىلا جەھەتتىن ئېرىڭىز ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىز، ئىناۋىتىڭىز ئۆسۈپ قالمايدۇكى، ئەر- خوتۇن ئىككىڭلارنىڭ خەقنىڭ ئالدىدا يۈزى چۈشىدۇ. ئېرىڭىزنىڭ دوستىلىرى سىزنىڭ دوستىڭىز ئەمەسلىكى، ئېرىڭىزنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ سىزنىڭ خىزمەتداشلىرىڭىز ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىشىڭىز كېرەك. باشقا ئاياللارغىمۇ ھەرگىز ئۆز ئېرىڭىزنىڭ ئارتۇق گېپىنى قىلىپ يۈرمەڭ، ئەر ئۆزىڭىزنىڭ ئېرى بولغاندىكىن ئىمكان بار ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەڭ! تامنىڭمۇ قۇلىقى بار، كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ، بالا- قازامۇ ئېغىزدىن چىقىدۇ. بۇ سۆزنى نىكاھنى قوغداشنىڭ ئالىي رېتسېپى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. شۇڭا، ھەر قانداق بىر ئادەم سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئېرىڭىزنىڭ گېپىنى قىلسا ئېرىڭىزنى ماختايدىغان گەپلەرنى قىلىڭ، بولمىسا «ھە» لا دەپلا قويسىڭىز بولىدۇ.
يوشۇرۇن يىڭنە سانجىيدىغان ياردىن، ئاشكارا ئوق ئاتىدىغان رەقىبلەر ياخشى، ئىككى يۈزلىمە سۆزلەيدىغان زالىم دوستلاردىن قارشى مىجەزلىك دۈشمەنلەر كۆپ ياخشى
|
كۆرۈلۈشى:315 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-10-12 22:53:22 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|