|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرى ئالدىدا نېمىلەرگە دېققەت قىلىشى كېرەك؟
|
|
|
ئانىلار ئائىلىدە ئۆز پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە تەسىر بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا ئۇلار تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك:
1. ئائىلىدە ئەر- خوتۇن ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان ماجىرالاردا ئانا ئالاھىدە ئېغىر- بېسىق بولۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ يامان تەسىر ئېلىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
2. ئانا بولغۇچى ھەرقانداق شارائىتتا، ئويلانمايلا بىر تەرەپنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ كېتىپ، بىر تەرەپكىلا يان باسىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك.
3. ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ھەددىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىكى كېرەك. بۇنداق بولغاندا بالا ئانىدىن قورقمايدىغان، ئانىنى ھۆرمەت قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
4. ئائىلە ئىشلىرىدا بىر بىرىگە ئىتتىرىدىغان، بەزى قىيىنچىلىقلاردا غوۋغا كۆتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلماي، ئۆز ئارا ياردەملىشىپ ئىشلەيدىغان بولۇشى، بالىلارنىڭ ئەمگەك قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك .
5 . پەرزەنتلىرىنىڭ دوستلىرىغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
6. پەرزەنتلىرىنى سورۇن تاللىماي تىللاپ، ئۇرۇشقا، قالايمىقان تەنقىد قىلىشقا، غورۇرىغا تېگىشكە بولمايدۇ.
7. پەرزەنتلىرىنى مەدەنىيەتلىك، موقىملىق، پۇختىلىق خىسلىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك.
8 . پەرزەنتلىرىنىڭ يالغانچىلىق، پوچىلىق قىلىشىغا، دادىسىنىڭ ياكى ئانىسىنىڭ يانچوقىغا قول سېلىپ پۇل ئېلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك.
9. خوراپاتلىقنى تەشۋىق قىلماسلىقى، جىن- شەيتان ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەرمەسلىكى كېرەك.
10. تۇرمۇشتا بۇزۇپ، چېچىپ ئىسراپ قىلىپ ئادەتلەرنى يۇقتۇرۇۋېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
11. ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئالدىدا يولدىشىغا يېقىنچىلىق قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك.
12. ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئالدىدا غەيۋەت- شىكايەت قىلماسلىقى، باشقىلارغا ھاياسىز تىل- ھاقارەت سالماسلىقى كېرەك |
كۆرۈلۈشى:272 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-10-12 22:52:18 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|