ئاشۇ كۈنى قىزىمنى ئەگەشتۈرۈپ كوچىغا چىققانىدىم. غۇباسىز كۆك ئاسمان، ئالتۇن تاۋاقتەك نۇرانە قۇياش، رەسىمدەك گۈزەل شەھەر....
ئۇزۇن قىش، تۇتۇق ھاۋادىن زېرىككەن كۆزلىرىم بۈگۈنكى بۇ ئوچۇق ھاۋادىن قامىشىپ، گۈزەل تۇيغۇغا چۆمۈلگەن ھالدا روھىم تولىمۇ كۆتۈرەڭگۈ ئىدى.
قىزىمغا بىر نەرسە ئېلىش ئۈچۈن تاللا بازىرىنى ئارىلاۋېتىپ، ماگىزىنغا كىرىۋاتقان ئىككى قىزغا ئىختىيارسىز كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.
پاھ! نېمانچە چىرايلىق قىزلار بۇ 16-15!ياشلاردىكى تازا تۇلۇۋاتقان بۇ قىزلارغا قاراپ تەبىئىەتنىڭ بۇ بىر جۈپ <نادىر ئەسىرى>گە ھەيران قالدىم.
- ئاداش قېرىلارغا لايىقراق بىر نەرسە بارمىدۇ؟-دېدى ھېلىقى قىزلارنىڭ بىرى.
- ئاپاڭغا بىر نەرسە ئالامتىڭ؟
- ياق، ئۇنىڭ ئېرى بولغاندىكىن ئېرى ئېلىپ بەرسۇن!
- ئەمىسە كىمگە ؟
- ۋاي-ۋۇي ئاپام دېگەن خوتۇننىڭ ئانىسى، شۇ چوڭ ئانام دېگەن قېرىغا ياغلىق، پايپاق دېگەندەك بىرەر تال نەرسە ئالاي دېگەن ئىدىم .
- بىرەر ئىش بولغانمىدى؟
- چوڭ ئانام قېرىنىڭ 60 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. شۇ باش قېتىنچىلىقى بولمامدۇ؟
- بۇ تازا ياخشى ئىشكەنغۇ؟ بۇلتۇر مەنمۇ چوڭ ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بىر دەستە راست ئەتىرگۈل ئېلىپ بارغانىدىم دېگىنە، قەۋەتلا خۇشال بۇلۇپ كەتتى. كېيىن راست گۈللۈكىنى بىلىپ:< نېمىشقا گۈللەرنى شېخدىن ئۈزدىڭىز>دەپ رەنجىدى. ئاپام چوڭ ئانامغا بۇ گۈللەرنى مۇشۇنداق ئۈزۈپ ساتىدىغانلىقىنى دېگەندىن كېيىن ئاندىن خاتىرجەم بولدى.
- سېنىڭ چوڭ ئاناڭمۇ تازا ئالجىغان قېرىكەنغۇ؟
- تۈزۈك گەپ قىلە، نېمانچە سەت گەپ قىلىسەن؟
- چوڭ ئاناڭ قېرى بولماي ياشمىدى؟....
- شۇنداقتىمۇ چىرايلىق سۆز بىلەن ئىپادىلىمەمسەن؟
- ۋاي بىزنىڭ ئۆيدە ئۇنداق ياسالما گەپ قىلىپ كۆنمىگەن...
- بىز خەق مەدەنىيەتنى بەك چۈشۈنمەيمىز جۇمۇ، كىنولاردا كۆرمەيۋاتامسەن؟ چەت ئەللىكلەر بوۋىسى، مومىلىرىنىمۇ ئىسمىنى ئاتايدىكەنغۇ؟
- ئۇيغۇر دېگەن ئەجەپ مەتۇ....
ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ ماگىزىندىن چىقىۋالمىسام، ئۇ قىزلارنىڭ سۆھبىتىگە ئارىلىشىپ، ئاۋۇ <ئۆزى چېچەكتەك، قىلىقى ئېشەكتەك> قىز بىلەن بىر نەرسە دېيىشىپ قىلىپ، خۇشال كەيپىياتىمنى ئۇچۇرىۋېتىدىغاندەك قىلاتتىم.
مەن شۇنداق كۆڭۈلسىز خىياللار بىلەن كېتىۋېتىپ، بىر تۇنۇشۇنغا ئۇچراپ قالدىم. ئۇ تۆت ياشلىق قىزىنى بازارغا ئېلىپ چىققان بۇلۇپ، قىزى قىممەت باھالىق بىر كىيىمنى ئېلىپ بېرىسەن، دەپ تۇرۇۋاپتۇ. تونۇشۇم مال ساتقۇچى بىلەن باھادا كېلىشەلمەي ئۇ كىيمنى ئالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزى ماگىزىندىن چىقىپلا، خۇيلىنىپ ئولتۇرۇۋاپتۇ.
- ئاپپاق قىزىم، يۈرۈڭ، مەن باشقا دۇكاندىن ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق كۆينەك ئېلىپ بېرىمەن.
- ياق، ساراڭ خوتۇن، ئۆزىگىلا كىيىم ئېلىپ، ماڭا ئېلىپ بەرمىگەن، دادامغا دەپ سېنى ئۇرغۇزىمەن.
- ھەي قىزىم، قوپۇڭ!
ھېلىقى تۆت ياشلىق قىز ئاپىسىنىڭ پۇتلىرىغا تېپىپ، تىللاپ يىغلايتتى. مەن قىزچاقنىڭ ئانىسىغا قارىدىم، ئانا قىزىنىڭ بۇ قىلىقىدىن غەزەپلەنمەستىن يەنە قىزىنىڭ تەرىپىنى قىلىپ:
- بۇ قىز شۇنداق جاھىلكى، قىلىمەن دېگىنىنى قىلماي قويمايدۇ. دېگىنىچە قىزىنى كۆتۈرۈپ بايا يېنىپ چىققان دۇكانغا قايتا كىرىپ كەتتى.
- مۇشتۇمدەك قىزىغا گېپىنى ئۆتكۈزەلمىسە، تۆت كۈندىن كېيىن بۇ قىز ئانىسىنىڭ بوينىغا مىنمەمدۇ؟ توۋا بۇ كۈننىڭ باللىرى نېمە بۇلۇۋاتىدۇ....
تونۇشۇمنىڭ قىلىقلىرىنى كۆرۈپ تۇرغان ياشقا چوڭ ئايال شۇنداق غودۇرىغاچ كېتىپ قالدى.
- ئاپا، ئاۋۇ قىز بەك قىلىقسىزكەن، ماۋۇ چوڭ ئاپاشمۇ شۇ قىزدىن خاپا بۇلۇۋاتىدۇ، ئاپا چوڭ ئاپام ماڭا كىچىك بالا چوڭلارنى تىللىسا <تىلى كېسىلىپ كېتىدۇ> دېگەن ئىدىغۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسكەنغۇ؟
- قاراڭ قىزىم، بۇ دېگىنى <چوڭلارنى ھۆرمەتلەش كېرەك، چوڭلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش چوڭ گۇناھ>دېگەن مەنىدىكى گەپ. سىز كىچىك بولغاندىكىن، <گۇناھ> دېگەن سۆزلەرنى چۈشەنمەيسىز-دە، شۇڭا چوڭ ئانىڭىز قورقىدىغان شۇنداق سۆزلەر بىلەن سىزگە چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش ئۆگەتكەن. مانا ئەمدى مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىقتىڭىز، ئۇ گەپلەرنى چۈشىنەلەيدىغانسىز؟
- چۈشىنەلەيمەن.
- چوڭلارنى ھۆرمەتلىسە قانداق بولىدۇ؟
- ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ.
مەن قىزىم بىلەن پاراڭلىشىپ ئۆيگە كېلىپ قالغانلىقىمنىۇ بىلمەي قاپتىمەن.
شۇ كۈنى كەچتە بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە ئۆز خىياللىرىم بىلەن كېتىۋاتاتتىم.
- ھەي پاسكىنا، ياتىقىڭدا ئولتۇرماي نەگە باردىڭ؟
مەن بۇ قوپال ئاۋازدىن چۆچۈپ ئارقامغا قارىدىم. 40 نەچچە ياشلاردىكى بىر ئايال يانفۇنىنى ئېلىپ ئۆيىدە سۆزلەشكەندەك بىخارامان سۆزلەۋاتاتتى.
- ھە، تىل ئۆگنىش كۇرسىغا باردىڭمۇ ياكى باشقا كۇرىسقىمۇ، خۇدا ئۆزى بىلىدۇ، ھەر ھالدا غىت قىسىپ ئوقۇ، بولمىسا چېچىڭنى يۇلۇپ تۇغۇلغىنىڭىغا تويغۇزىۋېتىمەن، قانجۇق! ھە، چىرايلىق گەپ قىلىشنى بىلمەيمەن. مەنچۇ سېنى مەندەك بۇلۇپ قالمىسۇن دەپ ۋاتىلداۋاتىمەن...قىزى تېلىفۇننى قويۇۋەتتى بولغاي، غودۇرىغىنىچە ئىتتىك مېڭىپ ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتتى.
- شۇ مىنۇتتا جاپا چېكىپ بالا ئوقۇتىۋاتقان مۇنۇ ئانىغا ئەمەس، ئاغزى يامان قوپال ئانىنىڭ قىزى بۇلۇپ قالغان، ئاشۇ نامەلۇم قىزغا ھېسداشلىقىم كەلدى. بىچارە قىز بەلكىم، راستىنلا تىل ئۆگىنىش كۇرسىغا قاتناشقان بولغىيتتى. ياقا يۇرتتا ئوقۇپ، كەچلىكىمۇ يەنە ئۆگىنىشتىن چارچاپ كىرگەندە، ئانىسىنىڭ مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان چىرايلىق سۆزلىرىنى، نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىغان بولسا، قانداق خۇشال بولار ئىدى-ھە؟ بەلكىم بىر كۈنلۈك ھاردۇقىنى چىقىپ، ئۆزىنى كارىۋاتقا ئوڭدىسىغا تاشلاپ، راھەتلىنىپ ئۇخلىماسمىدى؟ ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىشنى كۆڭلىگە پۈكمەسمىدى؟!....
بۈگۈن بىر كۈندە ئۇچراتقان ئانىلار بىلەن قىزلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلار مېنى خېلىدىن بۇيان ئويلاپ يۈرگەن قىزلىرىمىزنى تەربىيلەشكە پەقەت ئەھمىيەت بەرمەيۋاتامدۇق قانداق؟ دېگەن خىياللىرىمنى يەنە ئېسىمگە سېلىپ قويدى.
ئۆتكەندە بىر يىغىندا ئولتۇراتتىم، ئارقامدىلا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتقان بىر ياش چوكاننىڭ ئەنسىز ئاۋازدا بوشقىنە <ۋېيەي، قورسىقىم دېگىنى>نى ئاڭلىدىم.
- نېمە بولدىڭىز ئۇكام؟- سورىدى يېنىمدا ئولتۇرغان بىر ئەر كىشى .
- قورسىقىمدىكى بالام مىدىرلاۋاتىدۇ، قارىڭە قورسىقىمغا.
ئەر كىشى گەپ قىلمىدى. ئەتراپتىكىلەر پىخىلداپ كۈلۈۋاتقانلىقىنى سەزدىم.
مەن شۇ دىئالوگلرنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپمۇ ناھايىتى ئەپسىزلىك ھېس قىلدىم. يىغىندىن قايتىپ چىقىۋېتىپ ھېلىقى ئەرنىڭ يېنىدىكى چاخچاق قىلغۇچىلارغا رەنجىگەن ھالدا:
نېمانداق قىلىقى سەت قىز بالا ئۇ، چوڭ ئاكىسىدەك ئادەمگىمۇ قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ مىدىرىشىنى دەپ بېرىدىغان، قورسىقىڭىزنى بىرىپ ئېرىڭىزغا كۆرسىتىڭ دەۋېتەي دەپ...
مۇشۇ كۈننىڭ قىزلىرىدا ھايامۇ قالمىدىمىكى، يوغان ئىش بولغاندەك بالىسى تۆت ئايلىق بولا-بولماي كېرىلىپ مېڭىپ ....
- ۋاي قوشناڭ قارىغۇ بولسا بىر كۆزۈڭنى قىس دەپ بۇلارمۇ شۇ باشقىلاردىن ئۆگىنىۋاتقان گەپ ...
- ھازىرقى قىزلار ئادەم بىرنى دېگۈچە ئوننى دەپ كۆزۈڭگە مولۇندەك قاراپ تۇرۇشقان...
- ئادەم گەپ قىلىپ بولغۇچە، بويۇنلىرىغىچە قىزىرىدىغان بۇرۇنقى ھايالىق، قىزلىرىمىز قالماپتۇ-دە.
- شۇنداق ، قىزلارنى تەربىيلەيدىغان ئېسىل ئانىلىرىمىز تۈگەپ كېتىۋاتىدۇ<ئانا كۆرۈپ قىز ئال، ئارقاق كۆرۈپ بۆز> دەپ ئاڭلىمىغانمۇ..
ئەرلەرنىڭ شۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كېتىۋېتىپ، كىچىك ۋاقتىمدىكى بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى. بىز كىچىك چاغلاردا ئاممىۋىي مۇنچىلارغا بېرىپ يۇيۇنۇپ كېلەتتۇق. يەتتە-سەككىز ياش چاغلىرىم بولسا كېرەك، مەھەللىدىكى چوڭ قىزلار بىلەن مۇنچىغا چۈشۈپ ئۆيگە كىرسەم قارامايدىن تاغام كەپتۇ. مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ تاغامغا ئېسىلىپ كۆرۈشىۋاتسام تاغام مەندىن:
- نەگە بېرىپ كەلدىڭ، قىزىم؟- دەپ سورىدى. مەن تەمتىرىمەستىنلا:
- مەھەللىدىكى قىزلار بىلەن مۇنچىغا بېرىپ يۇيۇنۇپ كەلدىم،- دەپ جاۋاب بەردىم.
- ھە چوڭ ئىش قىپسىز، مېڭىڭ ئاۋۇ ئۆيگە كىرىپ كېتىڭ. ئاپام قولۇمدىن تارتىپلا مېنى يەنە بىر ئۆيگە كىرگۈزىۋەتتى. ئاپامغا نېمە بولغاندۇ؟ چۈنكى ئاپامنىڭ ئاچچىقى كەلگەندە <سىزلەپ>قويىدىغان ئادىتى بار ئىدى. مەن گاڭگىراپ تۇرغىنىمدا ئاپام يېنىمغا كىرىپ:
- ھەي، ھايا دېگەننى ساڭا ئۆگىتىپ بولالماپتىمەندە، قىز بالا دېگەن يۇيۇنغىنىنى ئەر كىشىلەر بار يەردە دېسە بولمايدىغانلىقىنى مەن دېمىگەنمۇ؟-دېدى.
- ياق، سەن دېمىگەن، بۇ سەت گەپ ئەمەسقۇ؟
- دېمىگەن بولسام بۈگۈندىن باشلاپ بىلىپ قال، قىز بالا دېگەن دادىسى، ئاكىلىرى بار يەردە يۇيۇنغاننى دېمەيدۇ، ھەم چاچلىرىدىكى ھۆللىرىنىمۇ كۆرسەتمەيدۇ،-دېدى.
ئاپامنىڭ شۇ سۆزلىرىنىڭ تېگىگە چوڭ بولغاندىن كېيىن يەتتىم.
ئۆز كەچۈرمىشلىرىمدىن ئېلىپ ئېيتساممۇ، ئانامنىڭ قۇياشنىڭ تەپتىدەك ئىللىق مېھىرلىك قوينىدا چوڭ بولدۇم، تا ھازىرغىچە ئانا بۇلۇپ تۇرۇقلۇق، ئانامنىڭ ئېتىكىگە بېشىمنى قويغان چاغدىكى بەختنى ھېچقانداق بەختكە تەڭ قىلالمايمەن. ئانام ماڭا شەپقەتچىلا ئەمەس، ھەم تۇنجى تەلەپچان ئۇستازىم، ئانام ماڭا مېھرىبانلىقىنى، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىشنى، كىچىكلەرنى ئىززەت قىلىشنى، ئادمگەرچىلىكنى، مەردلىكنى، يەنە چىرايلىق سۆزلەشنى، كۆڭۈل ئاياشنى قىزلارغا خاس ئەدەپ-ئەخلاقنى...نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتكەن، ئۆگەتكەنلا ئەمەس ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن ماڭا ياخشى ئۈلگە بولالىغان، ئانام بىزنى ھەرگىز سەت گەپ بىلەن تىللىمايتتى. بەك ئاچچىقى كەلگەندە:<يائاللا ئامېرىكا جاھانگىرىدەك يامان بالا بولۇپسەن> دەيدىغان، ئېسىمدىن زادى چىقمايدۇ. بىر قېتىم ئانام چېچىمنى تاراۋېتىپ، تالاغا چىققاندا بالىلار بىلەن سەت گەپ بىلەن تىللاشماسلىق توغرىسىدا تەربىيە قىلىۋاتقاندا، مەن ئانامدىن<ئانا، باشقىلار مېنى تىللىسا جىم تۇرامدىم>دەپ سورىسام <ئاقچى-كۆكچى، ئېشىكى يوق دۇمباقچى-دە!>دەپ ئۆزى كۈلۈپ كەتكەنىدى.
بىزنىڭ ئۆيدە ئانامنى پات-پات خاپا قىلىپ قويىدىغان ئەڭ سەت گەپ <ساراڭ> دېگەن سۆز ئىدى. ئانام مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما دىندا ئازراق ئوقۇغان بولغاچقا، بىزنى نۇرغۇن ئەقىلگە مۇۋاپىق <يامان بولىدۇ>لار ئارقىلىق، ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيلەپتىكەن.
بەزى قىزلىرىمىزدىكى قاشاڭلىق، سوقۇشقاقلىق، ھەسەتخورلۇق، ئەخلاقسىزلىقلارنى كۆرگىنىمدە، كىشلەرنىڭ ئاۋۋال قىزنى ئەمەس ئۇنىڭ ئانىسىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلىمىز، قىز بالا ئاساسەن ئانىسىنى تارتىدۇ. چوڭلارنىڭ بەزىدە ھايالىق قىزلارنى ئۇچراتقاندا <سىز كىمنىڭ قىزى؟ھە شۇ ئانىڭىز رەھمەتلىك بەك ئېسىل ئايال ئىدى، ئانىڭىزنى دوراپسىز> دېسە يەنە <ھەي مۇنۇ ۋىتىلداق كىمنىڭ قىزى؟ ۋاي ھېلىقى پالانىنىڭ، ۋاييەي، ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق دەپ، بۇ ئانىسىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئۇرۇشقاق بوپتۇمۇ نېمە؟> دېگەن سۆزلىرىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز.
كوچا-كويلاردا، توي تۆكۈنلەردە شۇنداق چىرايلىق ياسىنىۋېلىشقان خانىم قىزلارنىڭ ئىچىدە <ھەي ساراڭ، سەن بارمۇ؟ ۋاي ماڭا پاسكىنا، سەن رەسمىي رەسۋاسەنكەنغۇ؟ مېنى شۇنداقمۇ ئالدامسەن؟ ۋىيەي ماۋۇ قانجۇقنى... سەن بارمۇ؟!> دېگەندەك سۆزلەر بىلەن كۆرۈشىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقىنىمدا، شۇلار تۇققان، چوڭ قىلغان، تەربىيلىگەن بالىلار ھېلىقىدەك چىرايلىق سۆزنى ياسالما سۆز دەيدىغان، كىچىك تۇرۇپ ئانىسى بىلەن كىيىمدە بەسلىشىدىغان ئەخلاقسىز بالىلار مەيدانغا كەلمەي نېمە بولماقچى؟ دەپ ئويلاۋاتىمەن.
بىز ئاياللار ھاياتلىقتا ئائىلىنى قۇرۇپ، پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەپ، جەمىئەتنى شەكىللەندۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ھوزۇر ھالاۋەت، بەرىكەت ئاتا قىلىدىغان ھەمدە ئائىلىنى مېھرى مۇھەببەت نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرىدىغان مۇقەددەس ئانا، سۆيۈملۈك يار ۋە ھايات چىرىغى ھەم قەلب مېھرى-مۇھەببەت پىدائىلىقىنىڭ سىموۋۇلى، پاك قەلب، لاتاپەت ۋە گۈزەللىك پەرىشتىسى.
بىزنىڭ بۇرغۇن ئانىلىرىمىز، ھەدىلىرىمىز، دوستلىرىمىز، سىڭىللىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ زىممىسىدىكى مۇقەددەس بۇرچىنى ھەسسىلەپ ئادا قىلىۋاتىدۇ. قىسمەن ئاياللىرىمىز بولسا، خۇددى يۇقۇملۇق باكتىرىيەلەردەك، بالا تەربىيلەش ئەمەس، ھەتتا ئۆزىدىكى يامان كېسەللەرنى ئەۋلادلىرىغا يۇقتۇرىۋاتىدۇ.
قېنى كۆجۈم مەھەللىلەردە ئولتۇرۇپ، ھال-مۇڭ قىلىشىدىغان قولۇم-قوشنىلار، بويىغا يەتكەن قىزلارغا كېلىن بۇلۇشنىڭ، ئايال بۇلۇشنىڭ، ئانا بۇلۇشنىڭ يوللىرنى ئۆگىتىدىغان ھەم ھايات گۈزەللىكىنى تونۇتىدىغان يۇلتۇزلۇق كېچىلەردىكى ئاپئاق چاچ مومىلىرىمىزنىڭ نەسىھەت مەنىسىنى ئالغان چۆچەك، داستانلىرى....
زامانىۋى ئاڭ بىلەن ئەنئەنىۋى ۋارىسلىقىنڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماي، تۈتەك ئىچىدە قېلىۋاتقان قىزلىرىمىز، كىيىم-كېچەك ،يۈرۈش-تۇرۇش ۋە گەپ سۆزلەردىكى ئەخلاق مىزانلىرىمىزنى تەلۋىلەرچە بۇزۇپ تاشلاشلىرىنى ئۆزلىرىچە قانداقتۇ يېڭىلىق، مەدەنىيەت ۋە ئاياللار ئەركىنلىكى ھېسابلاۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈگىمەس قاتار چايلار، توي-تۆكۈن ھەشەمەتچىلىكى، كېچە-كېچىلەپ قانال يۆتكەپ كۆرىدىغان تېلىۋېزور مەستانىلىقى، ئىككى مېتر ئارىلىقتىكى قوشنىلارنىڭ ھال-ئەھۋالىدىن ئايلاپ، يىللاپ خەۋەرسىز قويۇۋاتقان قەۋەتلىك بىنالار غېرىبچىلىقى، قولۇم قوشنا ۋە ئائىلە مۇھەببىتىنى يېمىرىپ تاشلاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئايال ئوقۇتقۇچىلار قىز ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىلەن، ئانىلار قىزلىرىمىز بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشىمىز، بۇرۇن يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قاراپ، ئاڭلىغان ھېكايە چۆچەكلىرىمىزنى قىزلىرىمىزغا سۆزلەپ بېرىشىمىز، ئۇلارنى ۋاپادار، ھايالىق، ئىمان ھەم ئىنساپلىق، ئۆزىنى ئۆزى قەدىرلەيدىغان ۋىجدانلىق، مەرد بۇلۇشقا يېتەكىشىمىز، ئۈلگە بۇلۇشىمىز كېرەك.