ئوغۇللار قىزلارنىڭ ئۆز خىياللىرىغا بۆسۈپ كىرىشتىن بەك ئەنسىرەيدۇ ،ھەمدە قىزلارنى رەنجىتىشنىمۇ خالىمايدۇ .بۇ سوئالغا جاۋاپ بەرسە تېخى، جاۋاپ بەرمىسە تېخى ،يىگىتلەر ناھايىتى ئوسال ئەھۋالدا قالىدۇ . شۇڭا قىزلار بۇ سوئالنى سوراپ ئۆزىنى جىلە قىلغۇچە ، ئوغۇللارنىڭ ئەركىن خىيالىغا دەخلە قىلمىغىنى ياخشى .
"بۈگۈن نېمە كۈن ئىكەنلىكى ئېسىڭىزدىمۇ ؟"
بۇ سوئال چوقۇم يىگىتىڭىزنى جىددىلەشتۈرۈپ قويىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ : بۈگۈن ئىككىمىزنىڭ تونۇشقان كۈنى بولغىيمىتى ؟ تۇنجى كۆرۈشكەن كۈنىمىز بولغىيمىتى ؟ ۋەياكى ...... دېگەندەكلەرنى ئويلاۋېرىپ ، ئۆز-ئۆزىدىن " شۇنچە مۇھىم كۈننى ئۇنتۇلۇپ قالغىنىمنى ، ئەمدىزە ئۇ تازا كايىيدىغان بولدى ، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنى قەدىرلىمەيدىكەنسىز دەرمۇ تېخى ،،" دەپ سوراشقا باشلايدۇ .يەنە بەزى قىزلار تېخى مۇنداق سوئالنىڭ ئارقىدىنلا مۇنداق سورايدۇ : "ئۇ كۈنى مېنىڭ نېمە كىيگەنلىكىم ئېسىڭىزدىدۇ ؟" مۇنداق سوراش تېخىمۇ چاتاق ، قىزلار سىزلەرگە ئېيتىپ قويايكى ، ئوغۇللار سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ , ھەرگىزمۇ ئاللىقانداقتۇر ئۇ كۈن ، بۇ كۈن دېگەنلەرنى ئېسىدە ساقلاپ يۈرمەيدۇ .
"ئۇ قىز چىرايلىقمىكەن ؟"
ئوغۇللار بۇ سوئالدىن بەك قورقىدۇ ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايانكى سىزنىڭ بۇ سوئالىڭىز ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن: ئۇ قىز مەندىن چىرايلىقمىكەن ؟ دەپ سورىغىنىڭىزدۇر . يىگىتلەر يالغان سۆزلىسە چېنىپ قېلىشتىن ، راستىنى دېسە سىزلەردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ .شۇڭا ئامالسىز : سۆيۈملۈكۈم ، مۇنداق ئەخمىقانە سوئاللارنى سوراپ نېمە قىلىسىز ، مېنىڭ كۆڭلۈمدە پەقەت سىزلا بار ، دېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ .
"مەن ئېلىپ بەرگەن ھېلىقى كىيىم قېنى ؟"
ئوغۇللار قىز دوستى ئېلىپ بەرگەن كىيىمنى ياقتۇرمىغان ئەھۋالدا بۇ سوئال سورىلىپ قالسا ، چاتاق بولغىنى شۇ ، ئۇنى ياقتۇرىمەن دېسە ، ئۇنداق بولسا نېمىشقا كىيمەيسىز ؟ دەپ سورايسىز ، ياقتۇرمايمەن دېسە تېخمۇ كۆپ تاپا تەنە قىلىسىز ، ئەگەر يوق تۇرىدۇ دەپ جاۋاپ بېرىپ قالسىغۇ بولدى ، سىزدىن قۇتۇلالمايدۇ . شۇڭا يىگىتىڭىز سىز ئېلىپ بەرگەن كىيىمنى كىيمىسە سىز ئەڭ ياخشىسى كولاپ سورىماڭ .
"كەلگۈسىمىز توغرىسىدا نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز ؟"
بۇ قىسقىغىنە سوئالدىن يىگىتىڭىز : مۇناسىۋېتىمىز پىشىپ يېتىلىپ قالغانمىدۇ ؟ دەپ ئويلاپ قالىدۇ ، ھەمدە : قاچانغىچە مۇشۇنداق يۈرىۋېرىمىز ؟ تېزرەك ئوچۇق ۋەدە بەرمەمسىز ؟ دەپ سورىغاندەك تۇيۇلىدۇ -دە ، ناھايىتى زور بېسىم ، ھېس قىلىپ ، توي قىلىش پەرزەنت كۆرۈشنى ئويلايدۇ ، بىردىنلا ئۆزىنى بىراقلا چوڭ بولۇپ كەتكەندەك ، زېممىسىگە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەندەك تۇيلىدۇ . بۇ يىگىتلەرنىڭ بەك ئەنسىرەيدىغان ئىشى .
ئويلاپ باقساق مۇنداق سوئاللار قىزلارنىڭ ئاغزىدىن ناھايىتى ئاسانلا چىقىدۇ ، ئەمما ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋېتى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن ، كەلگۈسى ئىشلار توغرىلىق تېخى ئويلاشمىغان مەزگىلدە مۇنداق سوئاللار سورالسا ئوغۇللارغا ئەكسىچە تەسىر بېرىپ قېلىشى مۈمكىن ،شۇڭلاشقا قىزلار يىگىتلىرىدىن سوئال سورىغاندا ئېھتىياتچان بولىشى كېرەك