Article Center - ماقالە مەركىزى - ئەرنى ئەر قىلغان خوتۇن، ئەرنى يەر قىلغان خوتۇن
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ ياسىنىشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى ئاياللارنىڭكىدىن كۆپكەن
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مۇستەقىل كۆز قارىشى يوق «ئېمىزگىلىك»يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىش خەۋوىگە دۈچ كەلدى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيلىك ئايال چاچ بويىقىنى ئىشلىتىپ ھۇشىدىن كېتىپ، ھازىرغىچە ھۇشىغا كەلمىدى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


ئەرنى ئەر قىلغان خوتۇن، ئەرنى يەر قىلغان خوتۇن


            بىر ئەر بىلەن بىر ئايال قوشۇلۇپ ئاندىن بىر ئائىلىنى تەشكىل قىلىدۇ.
            بەختلىك ئائىلىلەر ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەمما بەختسىز
            ئائىلىلەرنىڭ بەختسىزلىكى ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭدىن بىز ئەرلەرنىڭ زادى
            قانداق ئايالنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ تاللىشىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا
            ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلكى شۇ ئەرنىڭ پۈتۈن
            ئۆمرىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بەزى ئاياللار
            ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ياردەمچى كاتالېزاتور بولالايدۇ.
            ھەمدە ئېرى تەرەپتە تۇرۇپ ئېرىنى قوللايدۇ. ئەمما بەزى ئاياللار
            ئەرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ياردەم بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن،
            ئەكسىچە ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.

            ئەرنى يەر قىلىدىغان خاراكتېرى ناچار 10 خىل ئايال 
            ئىنتايىن ئاچكۆز ئاياللار: ئەرلەر نەپسى يامان ئاياللارنى ئالغاندىن
            كىيىن، قانداق قىلسام ئايالىمنىڭ ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى قاندۇرالايمەن
            دەپ خىيالغا پېتىپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق خىيالدا بولىدىغان ئەرلەر
            ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. 
 
            كۆز يېشىنى ۋاستە قىلىدىغان ئاياللار: ئەرلەر ئايالىنىڭ ياكى
            سۆيگىنىنىڭ كۆز يېشىنى كۆرگەندە كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. ھەتتا كېتىدۇ،
            ئارقىدىنلا ئايالىغا يول قويىدۇ. ئۆز پىكىرىدىن ياكى پىلانىدىن ۋاز
            كېچىپ، قارشى تەرەپنىڭ تەلىپىگە بويسۇنىدۇ. ھەمىشە مۇشۇنداق كۆز يېشى
            ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ ئەرلەرنى مەجبورى بويسۇندۇرىدىغان
            ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدۇ. 
            ئەرلەرنىڭ ئىشىغا ھەددىدىن زىيادە ئارىلىشۋالىدىغان ئاياللار: بۇ خىل
            ئاياللار ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى نامايىش قىلىپ، ھەمىشە ئېرىنىڭ ئىشىغا
            ئارىلىشىۋالىدۇ. بۇنداق قىلىۋەرسە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئېرىنىڭ
            بەختىگە ئولتۇرىدۇ.

            غەيۋەتخور ئاياللار: ئەرلەرنىڭ ئالدىدا باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى
            قىلىدىغان ئاياللار بىلەن ئەپ ئۆتۈش ناھايىتى تەس. ئۇلار دائىم
            باشقىلاردىن ئاغرىنىپ، بارغانلا يەردە باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى
            قىلىدۇ. دائىم ئۆزىنىڭكىنى يوللۇق دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئاياللار
            ئەرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن،
            خىزمەت ۋە باشقا ئىشلىرىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
 
            ئەرلەر قاراپ ئۈمىدسىزلىنىدىغان ئاياللار: ئەرلەر ئىشى كۆڭۈلدىكىدەك
            بولماي روھى چۈشۈپ كەتكەندە ھەمىشە ئايالىنىڭ سەمىمىي ئىلھام بېرىشىگە
            ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ناۋادا ئەر بۇختۇرما بولۇپ، پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ
            قالغاندا ئايالنىڭمۇ ئېرىغا ئوخشاش روھى چۈشۈپ كەتسە، ئەرنىڭ روھى
            تېخىمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ. ھەتتا چۈشكۈنلىشىشكە قاراپ ماڭىدۇ. 
 
            ئېرىنى كونتىرول قىلىۋالىدىغان ئاياللار: بەزى ئاياللار ئائىلىدە
            خوجايىن بولۇۋېلىپ، ھەر ۋاقىت ئېرىنى كونتىرول قىلىپ تۇرىدۇ. ئېرىنى
            ئۆزىنىڭ قۇلى دەپ ھېسابلايدۇ. بۇنداق ئاياللار ئەرلىرىنى باشقىلارنىڭ
            ئالدىدا باش كۆتۈرۈلمەيدىغان قىلىپلا قويماستىن، يەنە روھىي جەھەتتىن
            ئازاپلايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، ھىچقانداق سەۋەپسىزلا ئېرىدىن ئايرىلىپ
            قالىدۇ. 
            ئېرىگە تولىمۇ ئامراق ئاياللار: بۇ خىل ئاياللار ھەر ۋاقىت ئېرىنى
            كونتىرول قىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلار ھەر ۋاقىت ئېرىگە
            بەك ئامراقلىق . بۇنداق ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ئالدىدا مۇستەققىل
            ئىنسانىي غورۇرى بولمايدۇ. ئېرىنىڭ گېپىنىلا ئاڭلايدۇ. قارىغۇلارچە
            ئېرىنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ. مۇشۇنداق قىلىۋەرسە، نەتىجىدە ئېرىگىمۇ
            ۋە ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. 

            كۈن بويى قايغۇرۇپ يۈرىدىغان ئاياللار: غەم - قايغۇدىن قۇتۇلالماي
            ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ يۈرىدىغان ئاياللار ئەرلەرگە بەخت ئېلىپ
            كېلەلمەيدۇ. مەيلى سىز ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىڭ ياكى نەسىھەت قىلىڭ. ئۇ
            ھەمىشە بۇ دۇنيا قاپقاراڭغۇ، زۇلمەتلىك، كىشىلەر قورقۇنچلۇق، مەن بىر
            بەختسىز ئايال دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق كەيپىياتى ئەرلىرىنى
            روھسىزلاندۇرۇپ بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ياخشىپۇرسەت كەلسىمۇ
            ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش كويىدا بولمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. 
 
            ئاقساقاللىق قىلىشقا ئامراق ئاياللار: بەزى ئاياللار ھەمىشە ئۆزىنى
            ئەقىللىق چاغلاپ، ئېرىگە دائىم قاملاشمىغان ئەقىللەرنى كۆرسىتىدۇ.
            ئەرلىرىدىن يوشۇرۇن بەزى بولمىغۇر ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. ئىش ھامان
            ئۇلارنىڭ دېگىنىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقىپ ئەرلىرىنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ.
            ئېرىگە ياردەم بېرىمەن دەپ ئېرىنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. بۇ خىل ئاياللار
            خۇددى ئەركە - نايناق قىلىپ كاردىن چىقىرىلغان بالىلاردەك مۇستەققىل
            ھالدا بەزى ئىشلارنى مەڭگۈ ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ.

            كۈندەشلىكى بەك قاتتىق ئاياللار: مۇھەببىتى ياكى يېڭى توي قىلغان قىز
            بولىشىغا قارىماي، بەزىدە كۈندەشلىك قىلىپ ئۆزىنى ئوماق قىلىپ
            كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. بۇ چاغدىكى كۈندەشلىكى ئارقىلىق ئەرلەرگە ئۆز
            تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك، شېرىن مۇھەببىتىنىڭ قويۇق ئىكەنلىكىنى ھېس
            قىلدۇرماقچى بولىدۇ. لېكىن ئاياللارنىڭ قاتتىق كۈندەشلىك قىلىشى ئەڭ
            قورقۇنچلۇق. بۇ خىل ئاياللار ئەرلەرنىڭ بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا
            توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن.

            ئەرنى ئەر قىلىدىغان خاراكتېرى ياخشى 10 خىل ئايال: )دوستلارنىڭ بۇنداق
            ئاياللانى بايقاپ ئۆزىگە مەڭگۈ ھەمرا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن(
            دىققەت قىلىش ۋە كۆزىتىش قابىلىيىتى ناھايىتى يۇقىرى ئاياللار: ئۇلار
            ئەرلىرىنىڭ بەزى ئىشلىرىدىن كۆڭلىدە نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى
            بىلەلەيدۇ. ناۋادا سىز خۇشال بولغاندا سىز بىلەن بىرلىكتە
            ھۇزۇرلىنالايدۇ. سىز تىل قىسىنچىلىقتا قالغىنىڭىزدا، ھەرىكىتىڭىزدىن
            ئۇنى بايقاپ سىزگە تەسەللىي بېرەلەيدۇ. ئىدارىڭىزدىكى بەزى
            ئاۋارىچىلىقلارنىڭ كەيپىياتىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىشىدىن ئەندىشە قىلماڭ
            دەپ سىزگە مېھرىبانلىق ۋە ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ. 
 
            نىيىتى ياخشى ئاياللار: ئالدى بىلەن ئۇ سىزدە ئىشەنچ پەيدا قىلىدۇ.
            باشتىن - ئاخىر ئۇ سىزنى ھاياتىدىكى ئەڭ يېقىن ئادىمى دەپ قارايدۇ.
            سىزگىلا ئەمەس بەلكى خۇلۇم - خوشنا، ئەل - ئاغىنە، ئۇرۇق -
            تۇققانلىرىڭىزغا خۇشخۇي مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خۇلۇم - خوشنا،
            ئەل - ئاغىنىلىرىڭىز ئۇنى ماختايدۇ. سىزنىمۇ ھۆرمەتلەپ ئۆزىگە ئوخشاش
            كۆرىدۇ. 
            تەبىئىي گۈزەل ئاياللار: ئۇ باشقا ئاياللاردەك ئۆزىنى پەدازلاپ،
            باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشنى ئويلايدىغان ئاياللارغا ئوخشىمايدۇ.
            ھەشەمەتلىك تۇرمۇشنى قوغلاشمايدۇ. شۆھرەتپەرەسلىكنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
            لېكىن ئۆزىنى پەدازلىسا باشقىلارنى جەلپ قىلدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. ئۇ
            تەبىئىي ھالدا كەڭ قورساق سىزگە شادلىق ۋە سەمىمىيلىك ھېس قىلدۇرىدۇ.
            ئۇنىڭ سۆز ھەرىكەتلىرىمۇ سىزگە خۇشاللىق بېغىشلايدۇ. 
 
            ئەقىللىق دانىشمەن ئاياللار: بۇنداق ئاياللار سىز بىرەر قىيىن مەسىلىنى
            ھەل قىلىشتا ئامال تاپالمىغاندا سىزگە ياردەمچى بولۇپ، تەپەككۇرىڭىزنى
            كېڭەيتىدۇ، ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىز ياردەم بېرىپ سىزگە تۈرتكە بولىدۇ. 
            ئۈمىدۋار، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئاياللار: ناۋادا سىز بۇنداق ئايالنى
            ئۆزىڭىزگە جورا قىلسىڭىز ھەرگىز خاتا قىلغان بولمايسىز. بۇنداق
            ئاياللار سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزغا ئىشىنىدۇ. شىجائىتىڭىز ۋە
            ئىقتىدارىڭىزغا قول قويىدۇ. بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغىنىڭىزدا سىزدىن
            ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ. شۇنداقلا سىز بىرەر نەتىجىگە ئېرىشسىڭىز كۆرەڭلەپ
            كەتمەيدۇ. سىز قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا سىزگە ئىلھام بېرىپ، جاپا -
            مۇشەققەتتە بىللە بولدىغانلىقىنى، قەددىڭىزنى رۇسلاپ ئالغا
            ئىلگىرىلىشىڭىزگە مەدەت بېرىدۇ. 

            ئۆزنىڭ قەدىر - قىممىتىنى قىلىدىغان ئاياللار: ئۇلار ئىمكانىيەتنىڭ
            بارىچە ئۆزىنىڭ ئوبراىنى قوغداپ، سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا قىلچىمۇ تەسىر
            يەتكۈزمەيدۇ. تۇرمۇشتا سىزنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمايدۇ. ھەمىشە
            ئىشنى ئەپچىللىك بىلەن قىلىپ سىزنى خاتىرجەم قىلىدۇ. ئۆزىگە
            ئىگىدارچىلىق قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ياخشى پەزىلىتىنى باشقىلار ماختايدۇ.
            باشقىلارمۇ سىزگە ئىشنىدىغان بولىدۇ. 

            ئۆي تۇتۇشقا ماھىر ئاياللار: بۇنداق ئاياللار ئائىلىنىڭ كىرىمنى قانداق
            ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلىدۇ. سىزنى تۇرمۇشتا غەم قىلمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.
            ئالدى بىلەن پۇل كېتىدىغان ئىشلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاندىن
            پۇلنى خەجلەيدۇ. ھەر ئايدا تىجەپ قالغان پۇلنى سىزگە دەپ قويىدۇ.
            ھەرخىل مەسئولىيىتى بار ئىشلارنى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆينى ئىزچىل ياخشى
            تۇتىدۇ. 
            سۆز سەنئىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاياللار: بۇنداق ئاياللار سۆزلەش
            سەنئىتىنى بىلىدۇ. ئۇ شەخىسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ گەپ قىلىدۇ.
            سىزنى ياخشى ئالاقە مۇھىتىغا ئىگە قىلىدۇ. كىشلەرنى خاپا قىلمايدۇ.
            ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان كىشىلەر ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلىدۇ. ئۇ ھەمىشە
            دانالىق بىلەن سىزنىڭ مۇددىئايىڭىزنى قارىشى تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

            مۇستەققىللىقى كۈچلۈك ئاياللار: بۇنداق ئاياللار ئۆزىنىڭ بىرەر ئىشنى
            قىلىدىغان - قىلمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ. ھەمدە بەزى كىچىك
            ئىشلاردا سىزنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىڭىزغا قاراپ تۇرمايدۇ. ھەمىشە سىزگە
            يۆلىنىۋالمايدۇ، مۇستەقىل ھالدا ئۆي ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرپ قىلىدۇ. ئۇ
            سىزنىڭ ئىدارىدىكى ئىشلىرىڭىز توغرىلىق باش قاتۇرىشىڭىزغا يېتەرلىك
            ۋاقىت ئاجرىتىپ بېرىدۇ. يىراق جايغا كەتكەن ۋاقتىڭىزدا ئۇنىڭ
            تۇرمۇشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇ سىزگە خەت يازغاندا ئۆزىنىڭ
            ئەھۋالىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى، سىزنى بەك سېغىنىدىغانلىقىنى يازىدۇ.

            زامانىۋى ئاڭغا ئىگە ئاياللار: بۇنداق ئاياللارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى
            كۈچلۈك، كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇلار
            يېڭى بىلىملەرنى ناھايىتى ئاسانلا قوبۇل قىلالايدۇ. كونىلىقنى
            ساقلىمايدۇ. ئۆزىنىڭ بىلىمىنى داۋاملىق مول قىلىپ ئۆزىنى
            يۈكسەلدۈرىدىكەن دېگەن ھېسىياتقا كەلتۈرىدۇ. سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى
            كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇپ دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ قالماستىن،
            يەنە پىكىر قىلىش ئۇسۇلى، ئىشلەش جەھەتتىمۇ زامانىۋى خىسلەتكە ئىگە
            بولۇپ، سىزگە ئۆزىنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
            ئۆزىنى تەبىئىي تۇتۇپ، سىزنى ئۆزىنىڭ دوستى، خىزمەتداشلىرىغا بىمالال
            تونۇشتۇرۇپ نەزەر دائىرىڭىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ. 

            مۇھەببەتتە ئاسان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغان خاراكتېرى ناچار ھاكاۋۇر
            قىزلار؛ بۇنداق قىزلار ھەممە يەردە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، قارشى تەرەپنىڭ
            مەۋجۇتلۇقىغا سەل قارايدۇ. نەتىجىدە يىگىتلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ
            قالىدۇ. 
            ئۆزىنى تۈزەشتۈرمەيدىغان قىزلار: گۈزەللىككە ئىنتىلىش ئىنساننىڭ
            تەبىئىي خۇسۇسىيىتى. رەتلىك پاكىز كىيىنىش ئىنساننىڭ ئۆزىنى سۆيۈش،
            ئۆزىنى قەدىرلەش روھىنىڭ ناماياندىسى، يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز
            سۆيگىنىنىڭ باشقىلاردىن چىرايلىق، نازاكەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
            بۇ خىل شەرتنى ھازىرلىيالمىغان قىزلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ
            يىگىتلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ.

            مۇكەممەللىككە ھەددىدىن تاشقىرى ئېسىلىۋالىدىغان قىزلار؛ بۇ خىل قىزلار
            يىگىتلەرگە >نۇقسانسىز بولۇش< تەلىپى بويىچە مۇئامىلە قىلىپ، بىرسىنى
            ئۇنداق، يەنە بىرسىنى مۇنداق دەپ ئالدى بىلەن يىگىتلەرنىڭ كەمچىلىكىنى
            كۆرىدۇ ۋە ئاخىرىدا ھەممىدىن قۇرۇق قالىدۇ.
            ھېسىياتچان، خىجىل بولۇشنى بىلمەيدىغان ياكى ئۆز بېشىمچى قىزلار:
            خەلقىمىز ئارىسىدا >ئاسان قولغا كەلگەن نەرسىنىڭ قىممىتى بولمايدۇ<
            دەيدىغان ماقال بار. يىگىتلەر بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا مەلۇم ئارىلىق
            ساقلىمايدىغان ھېسىياتچان قىزلار يىگىتلەر ئالدىدا ئاسانلا ئۆز
            قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئاق كۆڭۈللۈك، مۇلايىملىقمۇ بىر خىل
            گۈزەللىك. قىزلارغا خاس مۇلايىملىقنى يوقاتقان، ھەدىسىلا يىگىتلەر
            بىلەن تاكاللىشىپ قالىدىغان قىزلارمۇ ئاسانلا باشقىلارنى بىزار قىلىپ
            قويىدۇ. 
            ھەددىدىن ئارتۇق تارتىنچاق قىزلار: بۇنداق قىزلار تارتىنچاقلىقنى
            چەكتىن ئاشۇرىۋېتىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىۋېلىش، ئۆزىنى نامايەن
            قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. 
            مۇستەققىل تۇرمۇش قارىشنى يېتىلدۈرمىگەن قىزلار: مۇستەققىل ئىرادە
            تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. بىر قىسىم قىزلار تۇرمۇشقا
            >بېقىندىلىق< كۆز قارىشى بويىچە مۇئامىلە قىلىپ، ھەمىشە يىگىتلەرنىڭ
            ئىرادىسى بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدۇ. بىرەر مەسىلىگە يولۇقسا ئوبيېكىتىپ
            ئەھۋالغا قارىتا مۇستەققىل ھالدا ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ.
            بۇ خىل قىزلارمۇ يىگىتلەرنىڭ ئالدىدا ئۆز قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

         كۆرۈلۈشى:810     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-2-24 19:37:40يوللىغۇچى ئەزا:sardar

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:ئېرىڭىز نەگە بارسا سايىدەك ئەگىشىۋالماڭ
كېيىنكى ماقالە:ئاق كۆڭۈل بولۇڭ ئاجىز بولماڭ؟!
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号