ئەگەر نىكاھتا مەسىلە كۆرۈلسە، ئەر – خوتۇن ئىككىسىدە بېسىم پەيدا بولىدۇ. لېكىن ئاياللاردا ساغلاملىق مەسىلىسى كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
ئەگەر نىكاھتا مەسىلە كۆرۈلسە، ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپتە بېسىم تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. بېسىم ئېشىپ كەتكەندە، تەندىن زىيادە كورتىزول ئاجراپ چىقىدۇ، قان بېسىمى، قان قەنتى ئېشىپ كېتىدۇ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
نىكاھتا مەسىلە كۆرۈلگەندە، ئاياللار ئاسان يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالىدۇ. يۈرەك كېسىلى ئىنسانلارنىڭ بىرىنچى قاتىلى، ئەگەر نىكاھتا مەسىلە كۆرۈلگەندە، ئەرلەرمۇ بېسىم ھېس قىلسا، ئۇلار بېسىمنى تۈگىتىش ئۇسۇلىنى تېز تېپىپ چىقىدۇ، لېكىن ئاياللار مەغلۇبىيەت تۇيغۇسىغا ئۇزاققىچە پېتىپ قالىدۇ. چۈنكى نىكاھتا بەختسىزلىككە ئۇچراش سەۋەبىدىن قايغۇرغان ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك بېسىمى بەك ئېشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېنىدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ، سەمىرىپ كېتىدۇ، قان قەنتى ئۆرلەپ كېتىدۇ، قان يېغى ئېشىپ كېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرگەندە، يۈرەك مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ.