قىزىم !
سېنىڭ بەخت دەرىخى ئاستىدا ئارامخۇدا ياشاۋاتقىنىڭدىن شەكلەنمەيمەن . چىناردەك قامەت بىلەن مۇلايىم تەبىئەت مۇجەسسەملەنگەن ئېرىڭدىن ئېرىشكەن ئىززەت — ھۆرمىتىڭ مېنى قانائەتلەندۈرىدۇ ۋە ئەقلىڭنىڭ ئۆتكۈرلىكىدىن سۆيۈندۈرىدۇ . پەرىشتە سۈپەت قېيناتاڭ –قېيناناڭنىڭ ئېسىللىكى ، كەڭ قورساقلىقى ، سېخىيلىقى ، مېھماندوستلۇقىغىمۇ قىل سىغمايدۇ . شۇڭا مەن ئۆزۈمنى قۇرداشلىرىم ئارىسىدىكى تەلەيلىكى دەپ ئويلايمەن .
ئەپسۇسكى قىزىم ، تۈنۈگۈنكى ئادەمگەرچىلىك ئۈچۈن يايغان داستىخىنىڭ ئالدىدا مېنى تولىمۇ تەڭ قىسلىقتا قويدۇڭ . ئالا كۆڭۈللۈك بىلەن ئۇسۇلغان ئۈگرىنىڭ قىيمىلىرى ، پولۇنىڭ ئۈستىگە بېسىلغان گۆشلەرنىڭ پەرقلىقلىقى ، مۇئامىلەڭدىكى تەكشىسزلىك ، ماڭا كۈلۈپ بېقىپ ، قېيناناڭغا ئاغزىڭنىڭ ئۈچىدا قىلىپ قويغان يالغان تەكەللۇپلىرىڭ ، بىر تال ئالمىنى ئاقلاپ يالغۇز مېنىڭلا ئالدىمغا قويۇپ قويۇشلىرىڭ مېنى تولىمۇ بىئارام قىلىپ ، گويا مىخنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك تەسلىكتە بۇ مېھماندارچىلىقىڭدىن ئۇزاپ چىقتىم . شۇ كۈنى ئانىلىق غۇرۇرۇمغا تۈمەنمىڭ ھاقارەت شاپىلىقى كېلىپ تەگكەندەك ھارسىندىم . بىلەمسەن قىزىم ، سەن ماڭا قىلغان بۇ خىل ۋاپادارلىقىڭ بىلەن مېنى ھۆرمەت كۆرپەڭدە ئولتۇرغۇزماستىن ، بەلكى قۇدىلىرىم ئالدىدا جىنايەتكار قىلىپ قويدۇڭ .
شۇڭا قىزىم ، ئاقىلغا ئىشارەت ، نادانغا جۇۋالدۇرۇز دېگەندەك ، قىرتاق نەسىھەتلىرىم بىلەن روھىڭنى ئازراق ئۇچۇقلاپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ .
جېنىم قىزىم ، قەلب قازىنىڭدا پىشقان ئېشىڭنى ئادىللىق قاچىسىغا تەڭشەپ قۇيالمىساڭ ، ئىللىق مۇئامىلەڭ ھەم سىلىق ھەرىكەتلىرىڭ بىلەن ئۇنى چوڭلار ئالدىغا قويالمىساڭ ، ئالا كۆڭۈللۈك بىلەن سالغان داستىخىنىڭدىكى ئېسىل نازۇ – نېمەتلەر نازۇك دىللارغا سانجىلىدىغان تىكەن بولۇپ قالىدۇ . قىزىم ، شۇ نەرسە سەمىڭدە بولسۇنكى ، ئادەم ھېچ ۋاقىت قىزغانچۇقلۇق بىلەن بېيىپ تىقىلىپ كېتەلمەيدۇ ، شەخسىيەتچىلىك پاتقىقىغا پاتقانسېرى بەخت ئۇنىڭدىن شۇنچە تېز يۈز ئۆرۈيدۇ . مانا بۇ ھازىرغىچە بولغان ھايات سەرگۈزەشتەمدە يەكۈنلىگەن مەنتىقە .
شۇڭا جېنىم قىزىم ، يۇمشاق كۆرپەڭنى ماڭىلا ئەمەس ، سېنى سۆيگۈ دەرياسىدا ئۈزدۈرۈپ ، بەخت بېغىدا سەيلە قىلدۇرغان ئادىمىڭنىڭ ئانىسىغىمۇ سال ! قىممەت باھالىق كىيىمنى مېنىڭ ئۈستۈمگە ئارتىپ قويۇپ ، ساختىسى بىلەن يەنە بىر ئاناڭنى ئالدىساڭ ئانىلىق غۇرۇرۇم ھاقارەتلىنىدۇ .
بىز قېرىلىق چۆلىدە قاغجىراۋاتقان ئاجىز جانلار . قەلبىمىزمۇ بەكلا نازۇك . ئەگەر ئەقىدە بۇلۇتلىرىڭدىن شىپالىق يامغۇر ئەمەس ، قار –يامغۇر ياغدۇرساڭ بالا باققان ھاردۇقىمىز چىقمايدۇ . شۇڭا قىزىم ، ئېقىپ تۇرغان دەريا بولماقچى بولساڭ ھەر ئىككىلا قىرغاقنى مېھرىڭ بىلەن ئوخشاش سۆيۈپ ئاق ! ساخاۋەت قۇياشى بولماقچى بولساڭ ، ئادىللىق نۇرلىرىڭنى تەكشى تارات ، مۇبادا ھۆرمىتىمىز ئۈچۈن سايىبان بولماقچى بولساڭ چۆمۈچىڭگە تەكشى چىقسۇن ئادەمگەرچىلىكىڭ ...
ئاپتورى : قەلبىنۇر ئىلياس (‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى››ژۇرنىلى 2009 – يىللىق 3 – ساندىن ئېلىندى . )