Article Center - ماقالە مەركىزى - ئاياللارنىڭ پسىخىك مىجەزىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ ياسىنىشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى ئاياللارنىڭكىدىن كۆپكەن
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مۇستەقىل كۆز قارىشى يوق «ئېمىزگىلىك»يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىش خەۋوىگە دۈچ كەلدى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيلىك ئايال چاچ بويىقىنى ئىشلىتىپ ھۇشىدىن كېتىپ، ھازىرغىچە ھۇشىغا كەلمىدى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


ئاياللارنىڭ پسىخىك مىجەزىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

 1 . تەبىئىي مىجەز – خاراكتېر . كىشىلەرنىڭ مىجەز – خاراكتېرى : كۆپ قانلىقلار ، سەۋدالار ، سەپرالار ۋە بەلغەم مىجەزلىكلەر دەپ ئايرىلىدۇ . كۆپ قانلىقلار — شوخ ، جۇشقۇن ، ئۆزگىرىشچان ، تەپەككۇر ھەم سۆز – ھەرىكىتى ئۆتكۈر ، چۇس ۋە يەڭگىلتەك كېلىدۇ . سەۋدالار – ئاجىز ، ئاسان ھېرىپ قالىدۇ ، سۆز – ھەرىكىتى جانسىز ، قورقۇنچاق ، تارتىنچاق ، جىمغۇر كېلىدۇ . سەپرالار – كۈچ – قۇۋۋىتى تولۇق ، سۆز – ھەرىكىتى چۇس ، ئالدىراڭغۇ ھەم ئۆزىنى تۇتالمايدىغان ، ئەمما تۈز كۆڭۈل ، قىزغىن ، ئاچچىقى يامان كېلىدۇ . بەلغەم مىجەزلەر – ئېغىر – بېسىق ، تەپەككۇرى ھەم سۆز – ھەرىكىتى پاسسىپ ، سىرتقى ھالىتىنى ئاسانلىقچە بىلگىلى بولمايدىغانلاردۇر . دېمەك ، كىشىلەرنىڭ تەبىئىي مىجەز – خاراكتېرى ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، بەزى پسىخىك مىجەز – خاراكتېر مۇھىت تەسىرى بىلەن قىسمەن پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ ، ياخشى خاراكتېرنى ناچار مىجەزگە ، ناچار مىجەزنى ياخشى خاراكتېرگە ئۆزگەرتىشى مۇمكىن .

      2 . ئوزۇقلىنىش ئامىللىرى . ئاياللارنىڭ پسىخىك مىجەز – خاراكتېرىدىن قارىغاندا ، ئاياللار كۆپىنچە قۇرۇق مېۋە ياكى ئۇششاق – چۈششەك ، ئاچچىق – چۈچۈك نەرسىلەرگە ئامراق كېلىدۇ ، بۇ خىل ئوزۇقلىنىش ئۇلارنىڭ روھىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ –دە ، ئۆزگىرىشچان ، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان خاراكتېرىنى يېتىلدۈرىدۇ .

      3 . ئىش ئورنى ئامىلى . ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ھېسسىياتچان ، ئالدىراڭغۇ كېلىدۇ . ئىش ئورنىنىڭ ئاياللارنىڭ مىجەز – خاراكتېرىگە مۇناسىپ كەلمەسلىكى ، جىسمانىي ئەمگەكنىڭ كۆپ بولۇشى ، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلالماسلىقى ، يوللۇق ياكى يولسىز تەنقىد ، غەيۋەت – شىكايەتلەر ، ماختاش ۋە ماختىنىشلارمۇ ئاياللارنىڭ پسخىك مىجەزىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

      4. ئائىلە كەيپىياتى . ئازادە ، پاكىز ، رەتلىك ، ئىناق ھەم تېجەشلىك ، مېھرىبان بولغان ئائىلە مۇھىتى ئاياللارنڭ روھىنى كۆتۈرۈپ ، زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ ، كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ . ئائىلە كەيپىياتى ئاياللارنىڭ جۈملىدىن ھەربىر ئادەمنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك پائالىيىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئەتىگىنى ئۆيدىن خۇشال چىقىش ياكى خاپا چىقىشى كەيپىياتقا بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ .

      5 . مۇھىت ئامىللىرى . مۇھىت ، ئاساسلىقى ، تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، تەبىئىي مۇھىت تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان خاسىيىتىنى كۆرسىتىدۇ ، ئاياللارنىڭ كۆرۈش ، بايقاش سەزگۈسى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، تەبىئىي گۈزەللىككە بولغان تەلىپى يۇقىرى ، دۇنيادا گۈزەللىكنى سۆيمەيدىغان كىشى يوق ، ئەمما ئاياللارنىڭ گۈزەللىككە بولغان تەلىپى ھەم لەززەتلىنىشى ئەرلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . ئىجتىمائىي مۇھىت كىشىلىك تۇرمۇشقا سىڭىپ كەتكەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ، گەپ – سۆز ، ھەرىكەت ، ئېلىم –بېرىم ، سودا – سېتىق ، يۈرۈش – تۇرۇش قاتارلىق كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، ئاياللارنىڭ ئىرادىسى ، ئارزۇسىدەك خاتىرجەملىك ئاتا قىلالايدىغان ياكى بۇنىڭ ئەكىسچە روھىي بىئاراملىق بېرىدىغان مۇھىت ئامىللىرى ئاياللارنىڭ پسىخىك مىجەزىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ،

      6 . ساقلىقنى ساقلاش تەدبىرلىرى . ئاياللارنىڭ بەدىنى ئەرلەرگە قارىغاندا ئاجىز ، جاپاسى ئەرلەرگە قارىغاندا خېلىلا ئېغىر ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللار بالا تۇغۇش ۋە ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش جەريانىدا بەدەنگە زىيانلىق دورا – ئوكۇللارنى ئىشلىتىپ ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ناھايىتى كۆپ بەدەل تۆلەيدۇ . مانا بۇخىل ئەھۋاللار سەۋەبلىك ئاياللارنىڭ ئەستە ساقلاش ، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپلا قالماي بەلكى ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ ، ماغدۇرسىزلىنىش ، چارچاش ، ئاسان كېسەل بولۇش تۈپەيلى پسىخىك مىجەز – خاراكتېرىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ .

      7 . ئائىلىۋى تۇرمۇش تەرتىپى . ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئۆي بېزەشكە ، ئۆينى پاكىز ، رەتلىك تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن . رەتسىز ، قالايمىقان ئائىلە ۋە ئائىلە مۇھىتى ئاياللارنىڭ ئىرادىسىگە ، ئەجىر ھەم ئەمگىكىگە مۇخالىپ بولغاچقا ، ئاياللاردا بېسىم پەيدا قىلىشى ئېنىق . يەنە بىر تەرەپتىن ، ئەرلەرنىڭ بەتخەجلىك قىلىشى ، ھۇرۇنلۇق بىلەن تىرىشىپ ئىزدەنمەسلىكى ، ئائىلە بىلەن كارى بولماسلىقى ئائىلىۋى تۇرمۇش تەرتىپىنى بۇزىدىغان سەۋەب بولغاچقا ، بۇ خىل پسىخىك خاراكتېرمۇ ئاياللارنىڭ مىجەز – خاراكتېرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

      8 . ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر . ئادەم كۆرۈشكە ، ئاڭلاشقا ، چۈشىنىشكە ۋە ھۇزۇرلىنىشقا تولىمۇ ھېرىسمەن كېلىدۇ . بولۇپمۇ ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ شۇنداق . تۈرلۈك سەيلە – ساياھەتنىڭ كۆپ بولۇشى ، مېھماندارچىلىق ، بېرىپ – كېلىشنىڭ قۇيۇق بولۇشى روھنى ئۇرغۇتۇپ ، مىجەزنى ياخشىلاپلا قالماي بەلكى يەنە سالامەتلىكنى ئاسراش ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، نېرۋا پائالىيىتىنى ياخشىلاپ ، ئەستە ساقلاش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ، پسىخىك كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش ھەم ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ . 

         كۆرۈلۈشى:278     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-9-23 12:09:57يوللىغۇچى ئەزا:xirinim

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:لەۋ سۇرۇختىكى ‹‹زەھەر ›› نى ئۈزۈك بىلەن تەكشۈرۈشنى بىلەمسز ؟
كېيىنكى ماقالە:كۈن نۇرىدىن مۇداپىئەلىنىش مېيىنى توغرا ئىشلىتىڭ
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号