مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، ئاياللار قورساق كۆتۈرۈشتىن يېرىم يىل ئىلگىرىلا ئوزۇقلىنىشنى مۇۋاپىق تەڭشىشى كېرەككەن .
1. ئوزۇقلىنىش مىقدارى يېتەرلىك بولۇش : بىر قىسىم ئاياللار سەمىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يېمەكلىك مىقدارىغا قاتتىق چەك قويۇپ ، بەك ئاز تاماق يەيدۇ . ھامىلە ئوزۇقلىنىشتا ئاساسلىقى ئانىنىڭ تېنىدىكى زاپاس ئوزۇقلۇققا تاينىدۇ . شۇڭا ، قورساق كۆتۈرۈشتىن ئىلگىرى يېتەرلىك غىزالىنىپ ، بەدەندە زاپاس ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك .
2. ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ قوبۇل قىلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىش : يېڭى تەبئىي يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ، تاماق تاللىماسلىقى كېرەك . مەسلەن ، ھەر كۈنى 250 گرام ئاساسىي يېمەكلىك ئىستېمال قىلىش ، ئۇنىڭ يېرىمى قارا ئاشلىق بولۇش ، بىر دانە تۇخۇم ۋە مۇۋاپىق مىقداردا كۆكتات ، مېۋە – چېۋە ، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىك ، گۆش ، بېلىق ئىستېمال قىلىش ، ئوزۇقلۇق تۈرلىرى كۆپ خىل بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .
3. سۈرلەنگەن گۆش ، تۇزلانغان بېلىق قاتارلىقلارنى ئىمكانقەدەر ئىستېمال قىلماسلىق : تۇزلانغان يېمەكلىك تەركىبىدە ئاز مىقداردا نىتروزامىنو قاتارلىق راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بار . شۇڭا بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك . بۇنداق قىلغاندا ئىككىقات مەزگىلىدە ئىشىش ۋە يۇقىرى قان بېسىم پەيدا بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ .