مۇتەخەسسىسلەر 4000 ئايالنى تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: ئاياللار 30 ياشقا يېقىنلاشقاندا ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدىغان، مۇھەببىتى ۋە بەدەن سۈپىتىدىن رازى بولىدىغان تۇيغۇدا بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇلار ھاياتنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، 30 ياش ئاياللارغا نىسبەتەن بۇرۇلۇش نۇقتىسى، شۇنىڭدىن كېيىن ئاياللار قېرىپ كېتىشتىن قورقىدىغان، چىرايىغا چۈشكەن قورۇق بىلەن بېشىدىكى ئاق چاچنى سانايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بۇ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: كىشىلەرنىڭ ھاياتى مەلۇم نۇقتىغا يەتكەندە پەللىگە يەتكەن بولىدۇ. ئاياللار 28 ياشقا كىرگەندە پەللىگە يېتىدۇ، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ چېچى بەكمۇ چىرايلىق، بەدەن سۈپىتى بەكمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىمۇ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. ئاياللار 29 ياشقا كىرگەندە كەسپىدىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە رازى بولىدۇ، 32 ۋە 33 ياشقا كىرگەندە بولسا ئائىلە تۇرمۇشى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىن رازى بولۇش باسقۇچىغا كىرىدۇ.
تەتقىقات نەتىجىسىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: 3/2 قىسىم ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللار تېز قېرىپ كېتىدۇ، دەپ قارايدىكەن؛ %56 ئايال يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چىرايىنىڭ قېرىپ، سەتلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن؛ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاياللار يىلدا 600 يۈەننى ھۆسن تۈزەشكە سەرپ قىلىدىكەن، ھەر كۈنلۈك گىرىم قىلىشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 22 مىنۇت ۋاقتىنى ئاجرىتىدىكەن.