ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئەينەككە قاراشنى ياقتۇرمايدىغانلار بولمىسا كېرەك. تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق قۇرلار بار: ئاياللارنىڭ ئەينەككە قاراشقا ئامراق كېلىشىدە ئىلمى ئاساس يېتەرلىك، بولۇپمۇ ئەينەككە كۆپ قاراشنىڭ تەن ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرى كۈچلۈك. بۇ ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان موھىم ئۇسۇل بولۇپلا قالماستىن، ئادەمنى قېرىلىققا قارشى تۇرۇش كۈچىگە ئىگە قىلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.
روسىيەلىك ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق دىيىلدى: « ھەر قانداق ماددا ۋە ھېلىھەم ھايات ئورگانىزىم تاشقى رادىئاتسىيە مەيدانىنىڭ تەسىرىدە نۇر، ئىسسىقلىق ۋە سىلكىنىش پەيدا قىلىدۇ، ئادەم ئەينەككە قارىغان چاغدا ئەينەك ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئىنتايىن تۆۋەن رادىئاتسىيە ئادەمنىڭ ھۈجەيرىسى ، ئىچكى ئەزالىرى ۋە بەدەنگە بەلگىلىك رەۋىشتە تەسىر كۆرسىتىپ، ھۈجەيرىنىڭ جانلىقلىقىنى ئاشۇرىدۇ».