ئەر ۋە ئايال
1-سىنارىيە: بىر ئەركىشىنىڭ ھاياتى قانداق تۈگىشىدۇ؟
ئايال: چېچىمنى كەستۈرەيمۇ؟
ئەر: بولىدۇ.
ئايال: بىراق قىيمايۋاتىمەن.
ئەر: ئەمسە كەستۈرمە.
ئايال: چېچىمنى ئۆزگەرتىپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ.
ئەر: ئەمىسە كەستۈر.
ئايال: بولدى ماڭا ئەقىل كۆرسەتمە، دۆتلەرگە ئەقىل كۆرسەتكەندەك.
ئەر: مېنىڭ قايسىسىنى ياقتۇرىدىغانلىقىمنى بىلگىڭ بولسا، مەن ئۇزۇن چېچىڭنى ياخشى كۆرىمەن. بۇنى سەن بىلىسەن.
ئايال: مەن بىلەن تونۇشقاندا، قىسقا ئىدى.
ئەر: ۋە ساڭا نېمە دېگىنىم ئېنىق ئېسىمدە: "چېچىڭ ئۇزۇن بولسا نېمىدىگەن چىرايلىق بولاتتى."
ئايال: بىراق ھەممىسى كەسكىن دىيىشىۋاتىدۇ.
ئەر: ئۇنداقتا ساتىراچخانىغا بارغىن ۋە مەن ئۇخلاي بولدى. سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي.
ئايال: ئەمىسە قانداق كەستۈرەي؟ قات-قاتمۇ ياكى ئالدىدىن چۈشۈرۈپمۇ؟
ئەر: قات-قات.
ئايال: ماڭا ياراشماسمىكىن، مېنىڭ چېچىم بەك تۈز.
ئەر: ئەمىسە پېشانەڭدىن چۈشۈرگىن.
ئايال: بەك ئاۋارىچىلىق.
ئەر: كىيىن يەنە كەستۈرەرسىن
ئايال: ئۇنداقتا ھەرگىز ئۇزاتالمايمەن.
ئەر: ئۇزاتقىڭ بولسا كەستۈرمىگىن، جېنىم.
ئايال: مېنى جېنىم دېمە.
ئەر:؟!؟!؟!؟!؟!؟!
2. سىنارىيە: ئايال ئايال
ئا: ۋاي ئاداش، چېچىڭنى كەستۈرۈپسە ھە! بەك چىرايلىق بوپتۇ!!
ب: راست دەۋاتامسە؟ تازا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. بەك قىسقا بولۇپ قالمىغاندۇ دەيمەن.
ئا: نىمە دەيدىغانسەن؟ مېنىڭ يۈزۈم بۇنچىلىك چوڭ بولمىغان بولسا، مەنمۇ سېنىڭكىدەك كەستۈرەتتىم. مېنىڭ بۇ چېچىم كلاسسىكلىشىپ قالدى، يېڭى پاسونغا ئالماشتۇرۇشتىن قورقىمەن.
ب: نىمە دەيدىغانسەن سەن، يۈزۈڭ ھېچقانداق ئەمەسقۇ. قارا، شۇ يەرلەردىن قات چىقارساڭ، بەك پەيزى بولىدۇ! مېنىڭ بويۇم ئېگىز بولمىغان بولسا، دەل سېنىڭكىدەك پوسوندا قىلدۇراتتىم.
ئا: ۋاي دوستۇم، قىززىق گەپ قىلىسەن. كاشكى بويۇم سېنىڭكىدەك بولغان بولسا، ھېچ بولمىغاندا، شۇ چۆكۈك مۈرەمنىڭ خەقنىڭ دېققىتىنى تارتىشىدىن توسۇپ قالاتتىم دە.
ب: نىمىلەرنى دەۋاتىسەن سەن؟ مۈرىسىنىڭ سېنىڭكىدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان نۇرغۇن قىزلار بار...نېمە كەيسەڭ، ساڭا شۇنداق يارىشىدۇ... مېنىڭ شۇ قىسقا بېلىكىمگە قارىغىنە. مۈرەم سېنىڭكىدەك بولغان بولسا، كۆينەكلىرىم خۇددى خەقنىڭكىدەك تۇرامتى؟.....
3-سىنارىيە: ئەرئەر
ئا: چېچىڭنى قىسقارتىپسەن (كەستۈرۈپسەن) ھە؟
ب: ھەئە.
ئا: يارىشىپتۇ.
ب: رەھمەت.
مانا موشۇنچىلىك!