ئاقىلانە تاللاش
يېڭيار ناھيلىك مائارىپ ئىدارسى ھەر قايسى مەكتەپلەرگە بىردىن ‹‹مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى››نى سايلاپ بېرش توغرسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى.
ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن ئاقدۇڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزسىدىكى كادىرلار مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ‹‹مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى››سايلاش سەپەرۋەرلىك يېغىنى ئېچىپ،كەڭ ئوقۇتقۇچلاردىن نامزات كۆرستىشكە ھەيدەكچلىك قىلشنى قارار قىلدى.
‹‹مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى››سايلاش چوڭ يېغىنى ئېچلىپ،مەكتەپتكى ئوقۇتقۇچى،ئشچى_خىزمەتچلەر بەس_مۇنازىرە،تالاش_تارتىش قىلىش ئارقىلىق ئىككى نامزاتنى سايلاپ چىقتى.
45ياشنىڭ قارسىنى ئالغان چاچلىرىغا ئاق سانجلغان مەكتەپ مۇدىرى نامزات تېزىملكنى كۆرۈپ:
_يولداشلار،ناھيلىك مائارىپ ئىدارسىدىن مەكتۋىمىزگە بەرگەن سان پەقەت بىر.شۇڭا،ئاشكارە،باراۋەر بولۇش ۋە ئەلالىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاش پىرنسپى ئاساسىدا،يەنە ئەستايدىل ئويلنىپ بىقىڭلار؟! نامزاتلقىغا كۆرستلگەن ئىككى يولداش مەكتۋىمىزنىڭ ھەر قايسى خىزمەتلىردە بەلگىلىك نەتىجە ياراتقان ئوقۇتقۇچلاردۇر.ئەمما يۇقىرى بەرگەن سان چەكلىك بولغاچقا بىرەيلەننى تاللاپ يۇقىرىغا يوللاپ بىرشىمىز كېرەك.ئىككليەنگە قايتا ئاۋاز بېرىمىز،_دېدى جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن.
نامزاتلارنى قايتا ئاۋازغا قويۇش مەكتەپ مۇدىرىنى ئۈمىدسىزلەندۇردى.ئىككى نامزاتقا چۈشكەن ئاۋاز ئوخشاش بولۇپ چىققان ئىدى.دېمەك ئىككى نامزاتنىڭ ‹‹مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى››بولۇپ باھالنشىقا شەرتى تولۇق چۈشەتتى.بۇ نامزاتلقىغا كۆرستلگەن ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەر قايسى خىزمەتلەردىكى ئىپادسى كشنى قايىل قىلاتتى.لېكىن يۇقىردىن بەرگەن سان بىر بولغاچقا بۇلاردىن بىرنى تاللاشقا توغرا كىلەتتى.
_يولداشلار،_دەپ گەپ باشلىدى مەكتەپ مۇدىرى زال ئىچىدىكلەرگە بىر قۇر كۆز يۇگىرتىپ،_ئىككيلەنگەنگە چۈشكەن ئاۋاز يەنە تەڭ چىقىپتۇ.سىلەرنىڭ يەنمۇ ئەستايدىل ئويلنىپ،ئىككى نامزاتقا قارىتا قانداق پىكىرىڭلار بولسا دادىل ئوتتۇرىغا قويۇڭلار!
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆزى ئاخىرلشىپ،زال ئىچىدە ئۆز ئارا مەسلھەتلەر باشلىنىپ كەتتى.لېكىن ئىككى نامزاتقا قارىتا باشقا پىكىر چىقمدى.بۇ قېتملىق يىغىن نەتىجسىز ئاخىرلاشتى.
بەنزە رەھبەرلىرى ئەزالار بىلەن بىر يەرگە باش قويۇپ،قانداق قىلىش توغرسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.‹‹زادى قانداق قىلش كېرەك؟قانداق قىلغاندا ئىككيلەننىڭ ئارسىدىن ئەڭ ئەلاسنى تاللاپ چىققلى بولىدۇ؟››دېگەن مەسىلە ئۈستدە يېرىم سائەتتىن ئارتۇق تاللاش_تارتىش بولۇپ رەھبەرلىك يىغىنمۇ ئۇنۇمىسز ئاخىرلاشتى.
مەكتەپ مۇدىرى ئىككى نامزاتنىڭ يىللىق ۋە ماۋسۇملۇق خىزمەتلىرىنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ چىقتى.لېكىن ئۇلارنىڭ خىزمەت پۇزتسيى ۋە نەتىجسى ئوخشاش بولۇپ چىقتى.ئىككليەن ئشلەيدىغان ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ بۇلارغا بەرگەن باھاسىمۇ ئوخشاش ئىدى.
چارچاپ كەتكەن مەكتەپ مۇدىرى ئشخانسغا كىرىپ،كىرسلوغا يۆلەنگۈچە چۇڭقۇر خىيالغا چۆكتى.تۇيۇقسىز كاللسىدىن ‹‹يالىت››قىلىپ ئۆتكەن بىر خىيال ئۇنى سەگەكلەشتۈردى_دە،كۆڭلى بىردىنلا يۇرۇپ كەتتى.
مەكتەپ مۇدىرى ئىككى نامزاتنى ئشخانسىغا چاقىرىپ:
_ئىككڭلار ئۆزىڭلارنىڭ بىر يىللىق خىزمەت خۇلاسڭلارنى ھەقىقەتنى ئەمليەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا قايتا يېزىپ چىقىڭلار.قايسىڭلار ئەڭ ياخشى يازساڭلار،شۇنى نامزاتلقغا تاللايمىز،_دېدى.
ئىككيلەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ گېپنى ئاڭلاپ ئاللقانداق خىياللار بىلەن ئىشخاندىن چىقىپ كەتتى.
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىككى نامزاتقا دېگەن گەپلىرى بىردەمدىلا باشقا ئوقۇتقۇچلارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى.ئوقۇتقۇچلار مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بۇ خىل ئورۇنلاشتۈرۈش ئۇسۇلدا قانداق مەقسەتنى كۆزدە تۇتقانلقنى بىلەلمەي قالدى ۋە ئۆز ئارا ھەرخىل قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويشاتتى.
_مۇدىرنىڭ ‹‹خىزمەت خۇلاسىە ماترىيالغا ئاساسەن تاللايمەن›› دېگىننى نېمسى؟بىر ئادەمنىڭ ئۆزى يازغان خۇلاسە ماترىيالغا ئاساسەن تاللاش ئېلىپ بېرىش ئاقىلانلىك ئەمەس.
_راسىت،ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلەم ماھارىتى ئوخشاش ئەمەس تۇرسا،قانداقمۇ ئادىل،باراۋەرلكنى ئشقا ئاشۇرغلى بولىدۇ؟
ئوقۇتقۇچلار ئۆزلىرىنى ھەرخىل پىكىرىنى بىر-بىرى دېيشىپ،نارازىلقلىرىنى ئىپادىلەشەتتى.
مەكتەپ مۇدىرى ئىككيلەن يېزىپ چىققان خۇلاسە ماتىرىيالنى كۆرۈپ چىقىپ،كۆڭلىگە بىر نامزاتنى پۇكۇپ،باشقا رەھبەرلەر بىلەن بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئىلىپ باردى.ئاخىردا نامزاتنى بېكتىپ چىقتى.
تاللاپ چىققان نامزاتنى ئاشكلارلاش ۋە ئوقۇتقۇچلار ئارسىدىكى نارازىلقلارغا قارىتا چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن مەكتەپ رەھبەرلكى يىغىن چاقىردى.
_يولداشلار،_گەپ باشلىدى مەكتەپ مۇدىرى سۆز قىلىپ،_ ئىككى نامزاتنىڭ خۇلاسە ماترىياللىرىغا ئاساسەن رەھبەرلىك قايتا_قايتا مۇزاكىرە قىلىش ۋە نامزاتلار بىلەن ئەستايدىل ئەھۋاللشىش ئارقىلىق تىل_ئەدەبيات ئوقۇتۇش گورۇپپسىدىكى تايانچ ئوقۇتقۇچى پەرھاتجان مۇئەللىمنى ‹‹مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى›› دەپ بېكتىپ چىقتۇق،_دېدى.
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆزى ئاخىرلشىش بىلەن تەڭلا بىر پشقەدەم ئوقۇتقۇچى سۆز ئالدى.
_بىر ئادەمنىڭ يازغان خىزمەت خۇلاسە دوكلاتغا ئاساسەن ئۇ ئادەمگە قانداقمۇ توغرا،ئادىل باھا بەرگىلى بولىدۇ؟
پشقەدەم ئوقۇتقۇچنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئوقۇتقۇچلار ‹‹ئۇنىڭ دېگەنلىرى بەرھەق!››دېگەندەك بىر_بىرگە مەنىلىك قاراشىپ قويۇشتى.
_كۆپچىلىكنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى تولمۇ جايدا بولىدى.بۈگۈن بۇ يىغىنى چاقىرشتىكى مەقسەتمۇ سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلاردىكى قارا تۇماننى يوقتىپ،خاتا چۈشەنچلىلەرنى تۈگتىشتۇر.راسىت! بىر ئادەمنىڭ خىزمەت دوكلاتغا ئاساسەن ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە ھەقىقىي باھا بەرگىلى بولمايدۇ.بۇلارغا خىزمەت خۇلاسى يازدۇرۇشتىكى مەقسەت،ھەرگىز ئۇلارنىڭ قەلەم ماھارىتنى سىناش بولماستىن،بەلكى ئۇلارنىڭ بىلىش،ئۆزىنى چۈشنىش ۋە تونۇش ئىڭنى بىلشنى مەقسەت قىلنغان ئىدى.ئىككى نامزاتنىڭ يازمىلىردىن نامزاتلقتىن قالدۇرغان ئوقۇتقۇچنىڭ ئۆزىنى تونۇش ئىڭى كەمچىل بولۇپ قالغان.‹ھەقىقەتنى ئەمليەتتىن ئىزدەش›يېتەرلىك بولمىغان.خىزمەت خۇلاسىدە ئۆزىنىڭ تۆھپلىرىنى بايان قىلىش بىلەن كۇپايلنىپ،ساقلانغان مەسىللەر ئۈستدە توختالمىغان.لېكىن يولداش پەرھاتجان ئۆزىنىڭ تۆھپە_ئەجىرلىرىنى دېيىش بىلەن بىرگە خىزمەت ۋە باشقا تەرەپلەردە ساقلانغان يېتەرسىزلكىلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئۆزنىڭ بۇ نامزاتلقىغا لايىق ئەمەسلكنى ئەسكەرتىكەن،_دېدى مەكتەپ مۇدىرى ھاياجانلانغان ھالدا.
كۆپچلىك مەكتەپ مۇدىرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھاياجان ئىچىدە ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.ئۇنىڭ بۇ خىل ئاقىلانە تاللاش تەدبىرگە ئاپىرىن ئوقۇشتى.