بىلمىدىم،مۇزلار يۈرەك،قان ئۆلدىمۇ؟
سوۋۇدى چوغدەك بەدەن،جان ئۆلدىمۇ؟
چوخچىلاشقا چوغنى يوق ھال،ئۆچتى ئوت،
سۆيگۈسىز قەلبىمدە گۈلخان ئۆلدىمۇ؟
يەتتە ئىقلىم غەملىرىدىن بىخەۋەر،
ئۇيقۇدا-راھەتتە جانان ئۆلدىمۇ؟
ھەسرىتا،دەپ ئۆتتى بىدار تۈنلىرىم،
چىللىغان دوستلارنى ھەميان ئۆلدىمۇ؟
بولمىدى مىڭ يىلدا كۈن كەچ،ئاتسا تاڭ،
بولسا تۈن،ئاتمايدۇ تاڭ،ئاڭ ئۆلدىمۇ؟
مۇڭسىراپ ياتقاندا نىمجان،قايدا دوست؟
ئىمتىھان ئالدىدا ۋىجدان ئۆلدىمۇ؟
-ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار،-دەيدۇ ئەل،-
سەن-خىزىر،جىسمىڭدا شەيتان ئۆلدىمۇ!