مەخمۇتجان يانتاق
سەن بەرگەن سۆيگۈنىڭ بەھرىدە ئانا،
يېتىلدىم نەۋقىران ئەل ئوغلى بولۇپ.
ئاقاردى چاچلىرىڭ پەرزەنت ئىشقىدا،
چېھرىڭگە يامرىدى قورۇقلار تولۇپ.
يوللاردا ھىدىڭنى پۇرىدىم تاتلىق،
ئىنسانلىق بابىدا سەن بىر قەھرىمان.
مېھىرلىك باغرىڭغا باش قويسام شۇ تاپ،
بەختنىڭ ئىلكىدە ياشنايتتى بۇ جان.
سەن بەرگەچ ھاياتلىق تىنىقلىرىمنى،
قەلبىمدە يالقۇنجاپ تۇرىدۇ ياشلىق.
چۈشەندىم ھەم سېنىڭ ئۇلۇغلۇقىڭنى،
سەن بىلەن ھاياتىم ئاپئاق، قۇياشلىق...
( ‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى)