ئوبۇلھاشىم ئەخەت ئېقىن
ئىتتىپاقلىق، ئۆملۈكتە كۆڭۈل خۇشال يايرايدۇ،
ئىجىللىقنىڭ بېغىدا بۇلبۇل تىنماي سايرايدۇ.
ئىناق بولسا ھەر مىللەت، بىر – بىرىگە قىپ ھۆرمەت،
بەختىيارلىق ئىلكىدە زەپەر مارشى ياڭرايدۇ.
ئىتتىپاقلىق بەختتۇر، ئىناقسىزلىق چوڭ ئاپەت،
ئىناق ئەلگە دەۋرانمۇ ھامان كۈلۈپ قارايدۇ.
كىمكى سالسا ئارىغا بۆلگۈنچىلىك، ئاداۋەت،
خەلق ئۇنىڭ كۆكسىگە لەنەت تىغى قادايدۇ.
ئىتتىپاقلىق، ئۆملۈكتىن گۈللەنگەچكە ئەل – ۋەتەن،
ئىتتىپاقلىق ئۇدۇمى چولپان كەبى چاقنايدۇ.