Article Center - ماقالە مەركىزى - بۇ ماكاندا كىم بۇلبۇلنى يوق دەيدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


بۇ ماكاندا كىم بۇلبۇلنى يوق دەيدۇ

ئابدۇلئەھەد ئىسمائىل ئوغلان

سەن تۇرساڭ

ھەۋەس قىلاي نىچۈن تۆت كۈنلۈك پانىي دۇنياغا،
ماڭا مەڭگۈ ۋاپادار گۈزەل دۇنيا سەن تۇرساڭ.
تەلمۈرەي سۇ ئىچكىلى يەنە قايسى دەرياغا،
تەشنالىقىم قاندۇرغان ئەزىم دەريا سەن تۇرساڭ.

قۇياش بىلەن ئاي، يۇلتۇز جۇلاسى بار ھۆسنۈڭدە،
قوش چوققىلىق تاغلارنىڭ سىيماسى بار كۆكسۈڭدە.
جاننى ئاياپ نەقىلاي سېنىڭدەك جان پىداغا،
دىلخانەمنى يورۇتقان نۇرى – زىيا سەن تۇرساڭ.

ياشنار كۆيۈم – شەپقەتتە ھاياتلىقنىڭ بوستانى،
مۇراد تاپار ھىممەتتە ھەرنە تىلەك – ئارمانى.
تەلپۈنەمدىم خۇش پۇراق چاچالمىغان رەناغا،
بۇ دەردىمنىڭ داۋاسى  –  مېھرىگىياھ سەن تۇرساڭ.

ئىگەم ئادەم زاتىنى سۆيگۈلەردىن ياراتمىش،
ھېكمەت بىلەن سۆيگۈنى كەڭ ئالەمگە تاراتمىش.
كۆڭۈل بېرەي قانداقمۇ بىئەقىل، بىھاياغا،
پاك سۆيگۈدە ئەڭ سۈزۈك، تۈزۈك ‹‹ھەۋۋا›› سەن تۇرساڭ.

 تەكلىماكان بۇلبۇلى

قەدىم  –  قەدىم زاماندا، تارىم بويى تاماندا
بىر كۈيچى قۇش بار ئىكەن، تەڭدىشى يوق جاھاندا.
يايرايدىكەن سەيلىتىپ جەننەتتەك باغ – بوستاندا،
سايرايدىكەن ھېلىمۇ شۇ سېھرلىك ماكاندا.
            
بۇ دىياردا كىم بۇلبۇلنى يوق دەيدۇ،
ئەسلى  بۇلبۇل ماكانى بۇ، بىلمەيدۇ.
ئەجەب مۇڭلۇق ناۋا ئەيلەپ ئۈنلەيدۇ،
بوز تورغىيىم  تەكلىماكان بۇلبۇلى.

كەڭلىكلەردە پەرۋاز قىلىپ يايرايسەن،
باياۋاننى چاڭ كەلتۈرۈپ سايرايسەن،
شامۇ سەھەر سايرايسىنا، ھارمايسەن،
بوز تورغىيىم  –  تەكلىماكان بۇلبۇلى.

تالاشمايسەن باغلارنى ھېچقاچاندا،
چىمەنىڭدۇر يۇلغۇن، توغراق، چاكاندا،
ياشاپ كەلدىڭ ئەزەلىي بۇ ماكاندا،
بوز تورغىيىم  تەكلىماكان بۇلبۇلى.
باھار ئىزدەپ نە  –  نەلەرگە كەتمەيسەن،
ئۆز ئۇۋاڭنى ئەسلا تەرك ئەتمەيسەن،
قىسمىتىڭگە دەردۇ ھەسرەت چەكمەيسەن،
بوز تورغىيىم  تەكلىماكان بۇلبۇلى.

ئارمانلىرىڭ دۈملەنگەنمۇ بارخانغا،
دەرمانلىرىڭ جەملەنگەنمۇ گۈلخانغا،
مەدەتكارسەن يولدىن ئۆتكەن كارۋانغا،
بوز تورغىيىم  تەكلىماكان بۇلبۇلى.

ئاۋازىڭدا تۈمەن كەچمىش نىداسى،
سەن كۈيلەرنىڭ ئاشىقى، جان پىداسى،
لەۋزىڭگە تەڭ قايسى قۇشنىڭ ناۋاسى،
بوز تورغىيىم  تەكلىماكان بۇلبۇلى.

دەيمەن سېنى سۈزۈك تاڭلار ئەلچىسى،
باياۋاننىڭ چىن ھەقداسى، ئەركىسى،
سەن ھاياتنىڭ جاكارچىسى، كۈيچىسى،
بوز تورغىيىم تەكلىماكان بۇلبۇلى.

تەڭرىتاغ قەسىدىسى

ئەزەلىي نامىڭ بۈيۈك، قەددىڭ زەپەردەست تەڭرىتاغ،
ئات قويۇپتۇ ئىسمىغا پەرلەپ مۇقەددەس تەڭرى، تاغ.

1

ئەي مۇقەددەس تەڭرىتاغ،
قارنى – كۆكسى كەڭرى تاغ.
ئات قويۇپتۇ نامىنى
پەرلەپ ساڭا تەڭرى، تاغ.

بىر مۆتىۋەر ئانا سەن،
سېھىر – ھېكمەت كانى سەن.
بەستىڭ كۆككە تاقاشقان،
ئەلنىڭ پەخرى – شانى سەن.

ئاق بېشىڭدا ئاق لېچەك،
ئېتىكىڭدە گۈل – چېچەك.
سەككىز جەننەت ھۆرلىرى
ساڭا ھەمراھ  كېلىنچەك.
تۆمۈر چوققا، خانتەڭرى
كۆكسۈڭدىكى قوش ئەمچەك.
قوش ئەمچەكتىن سۈت ئەمگەن
ئوغلانلىرىڭ شىر يۈرەك.

2

بىر يانىڭدا ئالتۇنتاغ،
بىر يانىڭدا يالقۇنتاغ.
باغرىڭ شېرىن مېۋىگە
تولغان گۈزەل، سالقىن باغ.

پېشانەڭدە، چېكەڭدە
ئاي، چولپاننىڭ جۇلاسى.
مەڭگۈ ياڭرار قوينۇڭدا
ھاياتنىڭ كۈي – ناۋاسى.
قايتارما:
ئەي مۇقەددەس تەڭرىتاغ،
قارنى – كۆكسى كەڭرى تاغ.

         كۆرۈلۈشى:287     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-4-14 13:29:12يوللىغۇچى ئەزا:xirinim

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:ئىككى شېئىر
كېيىنكى ماقالە:ئىتتىپاقلىق كۈيى
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号