ئوسمانجان ساۋۇت
ئۇلۇغ ۋۇجۇد، ئۇلۇغ ھال...
بىر ئۆمرىدە يۈز توم يازغان تولىستوي
ياشاپتىكەن تىيوچېۋقا چوقۇنۇپ.
ئۈچ يۈز ئەللىك شېئىر يازغان بۇ شائىر
ئۆتكەن ئىكەن شان – شۆھرەتكە سوقۇلۇپ.
توختالغاندا كورۇلىنكو ھەققىدە،
‹‹ئەقىللىق ئۇ›› دېگەن ئىكەن ھەيرەتتە.
چايانلارنىڭ چېنى ئەمەس بۇ ھەرگىز،
ئوخشىسىمۇ بەزى چاغدا ھەسەتكە.
مۆجىزىلەر يارالغاندا جاھاندا،
ئالقانغانكەن بەسلىشىش ھەم ئىزدىنىش.
تالانتلارنى تونۇيدىكەن تالانتلار،
زەيتۇن شېخى سۆرەيدىكەن قىزغىنىش.
ئۇلۇغ ۋۇجۇد، ئۇلۇغ مىجەز، ئۇلۇغ ھال
شەجەرىدەك يىلتىز تارتقان ئۇزاققا.
تىنىم تاپماي قەلىمىدىن تۆكۈپ بال
ئۇچتى ئۇلار مىنىۋېلىپ بۇراققا.
ئوتۇن قالاپ ئاش ئەتكەندەك ياۋاندا،
ھەسەت قالاپ دىل يورۇتقان دانالار.
بۇ رەشىكلەر ئاز ئۇچرىماس جاھاندا،
لېكىن ئۇلار مەقسەت ئەمەس... بانالار...
ئوت يۇلتۇز
ئوچۇق چىراي كۆرسەتتىڭ مۇڭ باسقاندا،
ئېزگۈلۈكۈڭ ئۇيۇتقۇ مىڭ داستانغا.
تۇگاينىمنى كىم قىلىدۇ سەن قىلماي،
سەندىن باشقا يۇلتۇزۇم يوق ئاسماندا.
خېرىدارسىز ئېچىپ قالدىم ئىشىكنى،
تەن مۈلكىدىن سولتىيىپ جان قاچقاندا.
بىر كۈلكىگە پەرز ئىكەن مىڭ كۈلكە،
بىر تەزىمگە راۋا ئىكەن مىڭ تەزىم.
ئاپئاق قاردا ئېغىنايدۇ قىز تۈلكە،
شادلىقىمدىن چاچراپ چىقار چىڭ نەزىم.
سۈلكەتلەرنى ئۆرۈپ – چۆرۈپ قارايمەن،
جۈپ تار ئىزدەر باياۋاندا ئۈن – سەسىم.
مۇقەددەس ئوت باغرىڭ ئىچرە ھەر دائىم،
كۆزلىرىڭدە بوي تارتىدۇ تاڭ راۋان.
سەن قەدەھتە كەۋسەر تۇتساڭ ناۋادا،
پەرىشتىگە ئايلىنىدۇ نار، قاۋان.
گۈزەل ھۆسنۈڭ ئۇپۇق يايار سامادا،
ۋۇجۇدۇمدا چاپەك ئۇرار تاب – داۋان.
ئوچۇق چىراي كۆرسەتتىڭ مۇڭ باسقاندا،
نۇرغا تولدۇم قامىتىڭ نۇر چاچقاندا.
سەن كەلمەستە قەلبىم ئىدى مىڭ قۇلۇپ،
ئالەم زىلغا ئايلاندى تىل ئاچقاندا.
چۈنچىلەردىن مىڭ قۇياش بوپ كۆرۈندۈڭ،
قاراڭغۇلۇق قىيالاردىن قاچقاندا.
ئوچۇق چىراي كۆرسەتتىڭ مۇڭ باسقاندا،
پېشانەمدە بولدى پەيدا ماشايىق.
جىس جىلغىدا ئېسىرقاپ سۈر باسقاندا،
بولدۇڭ ماڭا بىر پاناھگاھ ئاجايىپ.
ئاپتاپ چىقىپ، تەلەيگە قۇر ئاچقاندا،
يۇلتۇزۇڭ ئوت، دېدى مېنى خالايىق...