قېيۇم سوپى
بەختىم دالاسىغا قونغان قۇشۇمسەن،
كۆڭلۈمنى چەنلىگەن چېچەن ئوۋچۇم سەن.
ھاياتلىق تىنىقىم، جىسمىمغا تۇتاش،
يۈرەككە ھارارەت ئۆچمەس ئوتۇمسەن.
گۈزەللىك ئوقۇتار يۇلتۇز كۆزلىرىڭ،
شەربەتلەر تۆكىدۇ ھەر ئۈن سۆزلىرىڭ.
مەجنۇنتال خىجىلدۇر سۇمبۇل چېچىڭدىن،
يۇرتۇمنىڭ ئالمىسى ئوماق يۈزلىرىڭ.
دەيدىكەن: مۇھەببەت ئازاب ھەم شادلىق!
ھە، شۇنداق، قوشماقتۇر ئاچچىق ھەم تاتلىق.
جۇدۇنۇڭ مەن ئۈچۈن باھار جىلۋىسى،
ئازابسىز تۇغۇلماس شۇ ۋىسال ئاتلىق.
سەن ئۆزۈڭ ئۈمىدىم، بەختىم سەركىسى،
قۇياشلىق تېڭىمنىڭ چولپان ئەركىسى.
بىز مىنگەن تۇلپارنىڭ ئىزلىرى قالسۇن،
چاقنىسۇن ئۆمۈرنىڭ گۈلگۈن كەلگۈسى.