كۆرۇشەيلى بىر كۇنلەر شۇنداق

قايتا ئۇتۇڭ ياندىغۇ مانا
بىر سۆيۇشكە ئىنتىلىپ جانان،
ئەقىدەڭنى بۇزمىغىن مەڭگۇ،
كۇرۇشەرمىز بىركۇنى ھامان،
كۇرۇشەرمىز بىر كۇنى ھامان
تەندە جانلار بۇلسىلا ئامان،
رىشتىمىز ھەم بۇلسۇن ئەبەتكە
دىدارسىزلا ئايرىلىش يامان،
دىدارسىزلا ئايرىلىش يامان،
ۋىسالىمىز يېتىپ بۇلغۇچە،
شۇخ يۇرەكلەر ئارام تاپقايمۇ
خۇما كۆزگە ياشلار تولغۇچە،
خۇما كۆزگە ياشلار تۇلغۇچە،
باغرىمىز ھەم كاۋاپ بۇلغۇچە،
سېغىنشتا ئۆتمسۇن يۇرەك
غېرىپ تۇندە تاڭلار ئاتقۇچە،
غىرىپ تۇندە تاڭلار ئاتقۇچە
خياللاردا سۆيۇپ بولغۇچە،
كۆرۇشەيلى شۇنداق بىر كۇنلەر
قۇياش غەمسىز پېتىپ بۇلغۇچە،