گۈلگە سۇ بولالامسەن گۈللەپ باغ-ۋارانىنى؟
مېھرىڭدە ئۇتالامسەن دىل-كۆڭلى جاھانىنى؟
جەننەتتە يېتىلگەن گۈل ئىبلىس كۆزىدىن خالى،
باغ-ئېرەم قۇرالامسەن ئاغدۇرسا ئىنانىنى؟
گۈللەر تۇتىيا بولسا، بۇلبۇللار سامان نەرخى،
چوغلاپ تاشتۇرالامسەن مىڭ كۆز تۇغيانىنى؟
گۈل بەرگى قىزىل رەڭنى كۈندىن بىگۇمان ئالسا،
قېنىڭنى بېرەلەمسەن كۆرمەستە خازانىنى؟
قىلماقتا تىكەن گۈلگۈن باغرىڭنى تىلىپ،ھەردەم،
گۈلرەڭ يۈرىكىڭ يەشسۇن گۈل ئەھلى گۇمانىنى؟