مورا
يۇتۇپ ئاچچىق تۈتۈن، ئەرزى نىگارغا يەتمىگەن مۇرا،
ئەلەمدە كۆيسىمۇ باغرى زىبىز داد ئەتمىگەن مورا.
كۆيۈش ھەم كۆيدۈرۈش پەيزى سۈرۈپ يۈرسە كۆيۈك ئەھلى،
يالا دەستىدە ماڭلايدىن قارا داغ كەتمىگەن مورا.
ئوچاقتا ئوت لاۋۇلدايدۇ،قازان قاينايدۇ ھەر كويدا،
غىزا كەلسە قېچىپ ئىمان،نېسىۋە تەگمىگەن مورا.
غېرىبلىق دەردىدە يەتكەن ئۇنىڭدەك كىم بالاغەتكە،
سىرىنى تۆكمىگەچ،ھېچبىر يۈرەكنى ئەزمىگەن مورا.