|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
داشۆ دىن چىققان قاڭسىق تۇيغۇلار
|
|
|
1
تاپالمىدىم ئۈزۈمنى پەقەت ،
ئالىي مەكتەپ خەرىتىسىدە،
يەنىلا يوق ،
كۈزەتسەممۇ لوپا ئەينەكتە،
يوقلام كىلىپ ماڭا ئالايدى؛
ھەپتىنىڭ بېشى ،
تۈرۈلگەندە مۇئەللىم قېشى ،
سەن نەگە كەتكەن ؟
سىنىپ مۇدىرى دەرسلىرىدە.
ھە راست،
ئالدىنقى ھەپتە سەنمۇ بار ئىدىڭ ،
ئايرىم تەربىيەلەنگەنلەر ئىچىدە.
2
دۇشەنبە سەھەردە ،
ناۋاي ياقماقتا گۆشگىردە ،
سىتودىنت بالا ،
پاھىشخانىغا كىردى غىپپىدە ،
ئىشتاننى سالدى ،
پورتمالدىن،
يۈز سومنى ئالدى ،
يولدىن ئۆتسە بىر تال ماشىنا ،
يۈرەكلىرى قىلدى دۈپپىدە ،
يانچۇقچىمۇ باش قاتۇرماقتا،
كىمنى قانداق بۇلاش ھەققىدە.
كۆكرەكنى كىرىپ ،
شەپكىنى كىيىپ ،
جاپانى يىڭىپ ،
قاتناش ساقچىسى ،
تۇرار دىققەتتە،
دىھقانمۇ ،
قاسساپمۇ،
ئىشچىمۇ ،
پاھىشىمۇ ،
شۇنچە غەيرەتتە ،
شۇ كۈن مەنلا ئويغىنىپتىمەن ،
سائەت سەككىزدە،
قۇياش نۇرى ،
دېرىزەمنى ئاستا چەكمەكتە.
3
دادام ماڭا 200 سوم سالغان ،
خەجلەڭ دەپ ،
مۇشۇ ھەپتىدە،
لېكىن بۇلار ،
سۇنىڭ كۈپۈكىدەك ،
سۇلايماننىڭ بۆكىدەك ،
يۇقالغان ئەستە ،
ھەپتە بېشىدا،
پۇلنى خەجلەيمىز ،
بىزلەر بەس-بەستە،
پىجۇ كۈتۈرۈپ ،
تاماكا چىكىپ ،
قاتتىق ھۈتۈلۈپ،
مەست بۇلۇپ قالساق ،
ئۈزىمىز بىلەن كارىمىز يوق ،
باشقىلارنى يۈلىشىپ ،
ئەسەبىي كۈلۈشۈپ
،،تىنىپ يالغان سۈنئىي نەپەستە ،
ياتاق تاقالسا ،
ۋاڭبا قۇنالغۇ ،
چۈنكى قىززىق تۇرمۇش فىلىمى ،
بىزگە پىششىق سېرىق تور ئىلمى .
بۇزۇق ئىش بولسا ،
بىزلەر ھەركەتتە.
4
بىر چاغلار ،
بىزمۇ ئاتالغان ،
ياتاقتا،
ئاتاقتا ،
ئەمدى بىلسەم ،
ھەممىسى ساقتا ،
mp3 ئاڭلاپ،
يەھۇدىنى داملاپ ،
ئۈزىمىزنى شىنجاڭدا بىر چاغلاپ ،
يۈرگەنلىرىمىز يوق ھىساپتا.
5
خىزمەت ئىزلەش ۋاقتى،
ئىشخانا يۇپيۇرۇق ،
كاللا قۇپقۇرۇق،
تىترەپ كىتىمىز ،
بىزلەر ئەسنەكتە ،
ئاھ مەنزىل قايان ،
بىزگە بەك ئايان ،
يالتىرايدۇ ئەمدى ئەكسىمىز ،
بىرەر خىزمەتتە ،
ياكى ،
كەتمەننىڭ بىسىدە .
2010.4.3 شىنجاڭ كەسپىي ئۇنۋېرستېتىدا يېزىلدى . (6750690-0991) |
كۆرۈلۈشى:870 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-4-4 3:13:52 | يوللىغۇچى ئەزا: |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|