بىرسىنى سۆيگەن گۇناھمۇ ،
كۈڭۈل بەرگەن يامانمۇ .
كۈڭۈل دىگەن ساراڭكەن جېنىم ،
سىنى تاللاپ سۈيۈپ قاپتىغۇ .
قانداق قىلاي مىسكىن كۆڭلۈمگە ،
سىنى دەپ ئازاپ يۈتتىغۇ .
باشقا دورا يوق ئىكەن ئازاپقا جېنىم ،
سەن كەلمىسەڭ زادى بولمايدۇ .
دوختۇر چاقىرسام كەلمىدى جېنىم ،
مەندە ئازاپقا دورىلار يوق دەپ .
ئۈلەر ھالىتىم كەپ قالدى مىنىڭ ،
كىلەمسەن -كەلمەمسەن تېز ئويلان جېنىم .
بۇ نىدارىمنى ئەۋەتتىم شاماللار بىلەن ،
تاپشۇرۇپ ئالغايسەن دېرىزەڭنى ئېچىپ .
دېرىزەڭنى ئاچماي قالساڭ ئەگەردە جېنىم ،
قانداق قىلار شاماللار سىنى تاپالماي .
تىت -تىت بۇلۇپ تۇرارمۇ ئۈيۈڭ ئالدىدا ،
بۇ نىدارىمنى دىيەلمەي بىر جانان ساڭا .
ئۆيۈڭ ئالدىغا چىقىپ قوي بىرەر رەت جېنىم ،
شاماللار سىنى ساقلاپ تۇرۇدۇ ئۈيۈڭ ئالدىدا .
بۇ نىدارىمنى ئاڭلاپ تىز كەل قېشىمغا ،
سىنى ساقلاپ تۇرۇمەن ئۈلۈم ئالدىدا .
ھەممە ئادەم تەق بولدى جېنىم ،
بىر سەن يوق <<ئەمما>> ئۇلار يېنىدا .
كەلدىڭمۇ -كەلمىدىڭ خەۋەر بىرىۋەت ،
مىنى ماڭ دەپ ئەزرائىل ئالدىرتىۋاتىدۇ .
ئەمما مەن مېڭىشىم كېرەك ئىدىغۇ ،
سىنى ساقلاپ تۇرماقتىمەن ھازىر-ھازىر دەپ .
كەلمىدىڭ ئەمماشۇنچە ساقلىسام ،
ئەزارئىلنى ھازىر-ھازىر دەپ ئاران ئالدىسام .
نىمىشقا كەلمىدىڭ سۇرايمەن سەندىن ،
دۈشمەنلىرىم ياكى يۇلۇڭنى توستىمۇ .
مۇھەببەتتە دۈشمەنلەر كۆپ ئىكەن جېنىم ،
ئەمما سەنمۇ شۇلارنىڭ <يالغان>سۈزىگە ئالدىنىپ قالدىڭمۇ ؟
سەنمۇ بىلەتتىڭغۇ <<مۇھەببەتتە>>دۈشمەنلەر كۆپ ئىكەنلىكىنى ،
بىلىپ تۇرۇپ نىمىشقا <يېنىمغا> كەلمىدىڭ جېنىم .
كەلمىدىڭمۇ ياكى بۇرۇن ماڭا قىلغانلىرىڭغا خىجىل بۇلۇپ ،
ئەمما مەن سىنى <بۇرۇن > كەچۈرۋەتكەنغۇ .
ئەمدى كەلسەڭ بەك كىچىكتىڭ جېنىم ،
كەتتىم مەن ئەمدى <ئۇدۇنياغا >مەڭگۈگە كەلمەسكە بۇلۇپ
مىنڭ <ئۇدۇنياغا> كەتكەنلىكىمگە ئازاپلىنىپمۇ يۈرمە ،
بۇ ئېغىر ئازاپنى كۆڭلۈڭگە ئېلىپمۇ كەتمە .
دۇئا قىلپ قوي مەن ئۈچۈن بىرەر نامازدا ،
ئويلاپ قوي مەندەك ئاشىقنى يالغۇز قالغاندا .
كىتىدىكەنمىز ھەممىمىز بىر-بىرلەپ مانا ،
ياخشى ئۆتسەكمۇ -يامان ئۆتسەكمۇ .
كۈرۈشىدىكەنمىز يەنە ئۇ دۇنيادا،
نىمە سەۋەپلەرنى قىلىپ قانداق ئۆلسەكمۇ .
ئۇ دۇنياغا بارغاندا كۈرۈشەرمىز ئەمدى ،
بۇ دۇنيادا مەن مەجنۇن سەن ئىدىڭ لەيلى .
ئۈزۈڭنى بۇنچىلىك ئازاپلاپمۇ يۈرمە ،
ئاز قالدى ئۇ كۈنلەرگە بىزمۇ يەتكىلى .
خۇشال ئۆت بۇدۇنيادا <خوددى>مەن باردەكلا ،
كۈلۈپ يۈر دۈشمەنلىرىم كەينى -ئالدىدا .
شۇنداق يۈرسەڭمۇ بۇ كۈنلەر تىز-تىز ئۈتىدۇ ،
دۈشمەنلىرىممۇ سىنى مازاقلىيالماي ئازاپ يۈتىدۇ .
ئۈنسىز يىغلىماقتىمەن ئەمدى ،
سىنى سېغىنپ ۋەسلىڭنى كۈتۈپ .
دىلىمغا ئارام بەرمىدى ھىجران ،
قاتتىق يىغلاپ يۈرۈيمەن ئۇراندا يېتىپ .
ئادەم دىگەن شۇنداق دۆت بىر مەخلۇق ئىكەن ،
ھەممە نەرسىنى يۇقاتقاندا ئاندىن ئەسلەيدىغان .
سەنمۇ شۇ دۆتلەر ئاراسىدا يوق ئەمەس لېكىن ،
بار ۋاقتىمدا قەدىرىمگە يەتمەي ئەمدى يىغلايدىغان .
ئەي يايرىم كۈزۈڭنى ياشلىما بۇنچە ،
سەن تېخى<بىر>قىزىل گۈل غۇنچە .
سۈيۈپ يۈر ئەمدى مەندىن باشقىنى ،
ئەزىرائىل جېنىڭنى ئېلىپ مەندەك بولغۇچە .
ئىسىڭدە بارمۇ شۇ سۆزلىرىم جېنىم ،
مەن كەتكەندىن كىيىن قەدىرىمگە يىتەرسەن دىگەنلىرىم .
مانا ئەمدى كەلدىمۇ شۇ چاغدىكى سۆزلىرىم ،
مىڭ يىغلىساڭمۇ ئەمدى ئۇرنىغا كەلمەيدۇ گۈلۈم .
خۇشال ئۆت ئەمدى ئازاپتا بىللە ،
مىنى سېغىنىشتا ئۈتىدۇ كۈنلەر .
كونىلار دىگەندەك كىشىنىڭ -كىشىدە قالمايدۇ ،
سەنمۇ ئۈتۈپ باق ئەمدى ئازاپ بىلەن بىللە .
ئازاپ بىلەن ئۆتكەن تەسىراتىڭنى سۆزلەپ بەر ماڭا ،
قانداق ؟ ئازاپ بىلەن ئۈتۈش شۇنچە ئاسانمىكەن .
سەن بىلمەيتىڭ چۈنكى <سەن>ۋاپاسىز ئىدىڭ ،
دەپ بەر ماڭا مەندىن ئايرىلىپ قانداق ؟ ياشىدىڭ .
بەلكىم سەن <يەنە>باشقا بىرنى سۈيۈپ يۈرگەنسەن ،
بەلكىم مەن ئۈچۈن ئۈچ-تۆت قېتىم يىغلاپ قويغانسەن .
ئەمما سەن بۇ دۇنياغا مۇشۇنداق تۇغۇلغانمىدىڭ ،
ۋە ياكى <پەسكەشلىك-ۋاپاسىزلىق>قىلىش ئۈچۈن يارالغانمىدىڭ .
ئاڭلاپ قوي بۇ سۈۈزۈمنى ئەي ۋاپاسىز يايرىم ،
ئادەم دىگەن سەندەك شۇنداق بۇلامدۇ .
ئەمما سەن <ئۈزۈڭنى>چۈشۈنۇپ يەتسەڭ ئادەم ئەمەسسەن ،
مۇھەببەت يۇلىدىكى كاززاپ -ھايۋان سەن .
خاپا بولما بۇ سۈزۈمنى ئاڭلاپ قەتئى ھەم ھەرگىز ،
چۈنكى مەن ساڭا نەسىھەت قىلىپ بىرۋاتىمەن .
مۇھەببەت يۇلىدا چىن ئاشىق بۇلارمىكىن دەپ ،
نوقساللىرىڭنى كۆرسۈتۈپ <ساڭا>ئاشىق بۇلۇشنى بۈلدۈرۋاتىمەن .
بولدى خېتىمنى مۇشۇ يەردە توختىتىۋالاي ،
يەنە سۆزلىسەم <ئەمدى >بولدى قىلاي ئۈزۈمنى تۇتۇۋالاي .
ئەمدى يەنە <سىنى دەپ >يىغلاپ نالىلەر ئېيتسام ،
يەنە ئازاپ يۇتۇپ <يۈرۈيدىكەنمەن >راس گەپنى قىلسام