بىغۇبارلىق، پاكلىق،گۇدەكلىك
ئىدى سەبى دىلنىڭ ھەمراسى
بولوپ قالدۇق قۇتلۇق ياشلاردا
جىمجىتلىقنىڭ تەنھا ئەسراسى
پۇتۇپ قويدۇم يوپورماقلارغا
تەنتەك ئارمان خىياللىرىمنى
چىغىر يولدا ئۇچراشقان قۇشلار
ئىلىپ كەتتى تۇيغۇلىرىمنى
ئۇيۇنلىرىم كەتتى ئۇيقۇغا
سەپەردەمەن تىخى يىگانە
قايتىپ كەلمەس 18ياشىم
قرىلىقتا چەكسەم پۇشايمان
قۇتلۇق چىغىم ئون سەككىز ياشىم
ياساپ قويغىن مىنى قايتىدىن
يۇرەلمىسەم قەد كىرىپ ھازىر
چىقاي جەسۇر قۇملۇق ئاستىدىن