تالايلارنى قويدۇڭ ئۇزۇتۇپ،
قالغانلارغا بەرگىنڭ ئازاپ.
بىلەلمىدىم ياكى سەن دۇنيا،
بوپ كەتتىڭمۇ راۋرۇس كاززاپ.
تۈز ماڭساممۇ پۇتلكاشاڭ كۆپ،
شۇ سەۋەپتىن يۈرەگىم يارا.
چۈشكەندىم باغرىڭغا ئاپئاق،
بۇلۇپ قالدىم ھازىر قاپقارا.
باغرى تاشلىق قىلمغىن دۇنيا،
ئاھۇ-زارىم قالمسۇن سەندە.
ئاڭلا مەنمۇ قوينىڭىدا ياشاپ،
كۈلۈشلەرگە ھەقلىق بىر بەندە.
كۆزلىرىمگە كېلەر گاھى ياش،
يۈرۈگۈمگە تەگكەندىلا تاش.
بولماس ماڭا بۇنىدىن چوڭ ئازاپ،
سەن ئىكەنسەن ئەسلى باغىرى تاش