سېغىنىمەن سېنى شۇ قەدەر،
مەن ئۇنتۇشنى قىلمايمەن خىيال.
ياشلىقىمنى ئۇزاتمايلا ھەم،
دەيدۇ قىرىق ياشتىكى ئايال
ئەسلەش،كۈتۈش ئىكەن ئازاپلىق...
سۈبىھلەردە يىگانە چولپان،
مىسكىن قەلىب قەسرىمگە چاقنار.
تەنھالىقنىڭ قايغۇسى توپان،
ۋۇجۇدۇمنى تەلمۈرۈش قىينار.
ئەسلەش كۈتۈش ئىكەن ئازاپلىق...
چىچەك چۈشەر مەسخىرلىك بېقىپ،
سورىغاندەك نىگارىڭ قېنى.
گۇگۇلدايدۇ كەپتەر تېلىقىپ،
سەن ئەمەسسەن ھېچكىمنىڭ جېنى
دۇنيا تامان جاۋاپلىرىدىن،
ئەنسىز يۈرەك كېتىدۇ ئېقىپ..