ھىلال ئايغا قارايمەن غەمكىن،
قىلىپ نۇرلۇق يۇلتۇزغا ھەسەت.
ئەگىپ يۈرەر پىرقىراپ داپتەك
قىلىپ ھېسلىق باغرىمنى جەسەت.
ھىلال ئايغا قارايمەن غەمكىن،
يىراق كەتكەن جاناننى ئويلاپ.
مۇنچاق-مۇنچاق تۆكۈلەر يېشىم،
قېنى قاچقان مەڭزىمنى بويلاپ.
ھىلال ئايغا قارايمەن غەمكىن،
قۇچاق ئېچىپ كۆڭۈلسىز ئاخشام.
غېرىپ يۈرەك مۇڭلىنىپ روھسىز،
دەردلىك كۈيدە باشلىنار ناخشام.
ھىلال ئايغا قارايمەن غەمكىن،
يارا بولغان لېۋىمنى چىشلەپ.
سەرسان قۇمدەك ئارامسىز تەندە،
تۈمەن تۇلپار تۇرىدۇ كىشنەپ.
ھىلال ئايغا قارايمەن غەمكىن،
ئوتنىڭ قاقشال پەسلىدىن ئۆتۈپ.
ئوتلۇق قەلبىم ئىشەنگەن تاغدەك،
ياردىن ۋىسال پەيتىنى كۈتۈپ.
* * * * * * * *
ھىلال ئايغا قارايمەن غەمكىن،
قىلىپ نۇرلۇق يۇلتۇزغا ھەسەت.
يىراق كەتكەن سۆيۈملۈك ياردىن،
كۈتۈپ قايناق سۆيگۈ-مۇھەببەت.
ھىلال ئايغا قارايمەن غەمكىن،
قىلىپ نۇرلۇق يۇلتۇزغا ھەسەت.
ئەگىپ يۈرەر پىرقىراپ داپتەك
قىلىپ ھېسلىق باغرىمنى جەسەت.
ھىلال ئايغا قارايمەن غەمكىن،
يىراق كەتكەن جاناننى ئويلاپ.
مۇنچاق-مۇنچاق تۆكۈلەر يېشىم،
قېنى قاچقان مەڭزىمنى بويلاپ.
ھىلال ئايغا قارايمەن غەمكىن،
قۇچاق ئېچىپ كۆڭۈلسىز ئاخشام.
غېرىپ يۈرەك مۇڭلىنىپ روھسىز،
دەردلىك كۈيدە باشلىنار ناخشام.
ھىلال ئايغا قارايمەن غەمكىن،
يارا بولغان لېۋىمنى چىشلەپ.
سەرسان قۇمدەك ئارامسىز تەندە،
تۈمەن تۇلپار تۇرىدۇ كىشنەپ.
ھىلال ئايغا قارايمەن غەمكىن،
ئوتنىڭ قاقشال پەسلىدىن ئۆتۈپ.
ئوتلۇق قەلبىم ئىشەنگەن تاغدەك،
ياردىن ۋىسال پەيتىنى كۈتۈپ.
* * * * * * * *
ھىلال ئايغا قارايمەن غەمكىن،
قىلىپ نۇرلۇق يۇلتۇزغا ھەسەت.
يىراق كەتكەن سۆيۈملۈك ياردىن،
كۈتۈپ قايناق سۆيگۈ-مۇھەببەت.