مەن چوڭ بولسام
مومام دەيدۇ :تاغلار دىگەن
كوكنىڭ تۇۋرۇگى ،
باغرىدىكى يېشىل قارغاي
تاغنىڭ يۇرۇگى .
مەن سورىسام يۇرتۇمىزدا
تاغ بولمىسا دەپ ،
كوك نىمىشقا ئاستا ئاستا
كەتمەيدۇ پەسلەپ .
مومام دەيدۇ مەھەلىمىزدە
تاغ يوقلىغى راست .
بىراق تاغدەك ئەزىمەتلەر
تاغلارغا قىياس .
مەن چوڭ بولسام مەھەللىمىز
بۇلۇدۇ يۇلەك .
مەن چوڭ بولسام يۇرتۇم ئۇچۇن بۇلىمەن يۈرەك .....