يازغۇچى؛ئايتىللا ئەلى دىدارى.
بىز ئايرىلىپ كىتەيلى نىگار،
بۇ يوللاردا ماڭايلى يالغۇز.
بەخىت ئىزدەپ تەرمە تۆت قۇلاق،
رىئاللىق ئۇ ھەممىگە ياۋۇز.
كۆزلىرىمدىن ئىزدىمە ۋاپا،
چىن ۋاپانى تونۇماس بولدۇم.
<ئەقىدە>دەپ ۋەيران بولغانمەن،
<ئەقىدە> دەپ توسۇلغان يولۇم.
بىز ئايرىلىپ كىتەيلى نىگار،
مەندىن ئۈمۈت كۈتمىگىن زىنھار.
سەن ئالدىدىڭ سەبى قەلبىمنى،
<ئەقىدە>دەپ بوپقالدىم بىمار.
ساقايتىشقا يەتمەس مادارىڭ،
ئوينىتىشقا ئەرمىكىڭمۇ مەن!
سەرسانلىقتا كەتسەممۇ مەيلى،
مۇھەببەت دەپ سىنى سۆيمەيمەن.
بىز ئايرىلىپ كىتەيلى ئەمدى،
ماڭا قايتا يازما سالام خەت.
سېنى قايتا كۆرگۈچە ئۆلەي،
سېنىڭدە يوق ئاھ...چىن مۇھەببەت!