<شۇ قىز> دىن <ھېلىقىدەك ئايال> غىچە ...
(بىر مەدىكارنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن )
قەلبى ئوڭ،غۇبارسىز ،پاكىز بالىتىم،
زۇۋانىم سۆزلەيتتى راستنى بىمالال.
قىزلارنى تەڭداشسىز بۈيۈك بىلەتتىم ،
ئىپپەتنى سانايتتىم يىگانە ئارال .
ئۆزلۈككۈ چىلاشقان قاۋۇل بەدىنىم ،
يوپكىسىز قىزلارنى قىلمايتتى قارار.
ئىشتانسىز قىزچاقنىڭ شاللاق كۈلكىسى،
كۈزۈمگە تاشلايتتى ئىماندىن سۇئال .
دىباچى قىزچاقنىڭ غىلجىڭ خۇلقىدىن ،
ئەرلىكىم دەز كىتىپ ،تىترەيتتى غال-غال.
ئۇچۇق تەن،يالاڭ پۇت،يوتا ئارىسىدىن ،
زەھەرلىك سېرىق نۇر چاقنايتتى غىل-پال.
شۇ چاغدا مۇسۇلمان ،تاش يۈرەك بىر قىز ،
قەلبىمنى قاماللاپ قىلغانتى قامال.
پاك نىيەت، ساداقەت،سۆيگۈنى ئىزلەپ،
سوراپمۇ سالغانمەن سۆيگۈگە ئامال .
ۋە لېكىن نەزىرى ئۈستۈن ئۇششۇق قىز ،
يۇندىدا سۆيگۈمنى قىلىۋەتتى سال ،
ئۆتتى يىل ،سەۋرمۇ تۈگىدى تۈگەل ،
سادىردا قالمىدى ئىلگىركىدەك ھال .
مەن ئەمەس ئاۋۋالقى چايقالغان دېڭىز ،
ئاللىكىم قەلبىمگە سالالمايدۇ پال .
بىلمىدىم قىلىدۇ ماڭا كىم ۋاپا ،
سۆيگۈ دەپ قەدىمىم قەيەرگە بارار.
قىزىل چىراق چاقنىغان ئەگرى كوچىلار ،
سۆيگۈمگە قىزلاردەك سالمىغان ئۇۋال .
ئاشۇ يار سېسىتقان پاكىز يۈرەك بۇ،
ئېڭىمدا يۇقالغان ھارام ۋە ھالال.
كىم مىنى سۆيسە شۇنىڭ قۇلىمەن ،
پېقىرنى ئىزلىگەن، بولماڭلار ھايال .
ئىسىمدە قالماپتۇ زادى ھېچنىمە ،
يادىمدا قالغىنى يۈز سوملۇق ئايال ....
مەنبە :مەدىكارلىق تۇرمۇشى
2010-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ كەسپى ئۇنۋېرستېتىدا يېزىلدى