ناخشا تېكىستى
(شوخ، قىزغىن. قىز-ئوغۇل ئېيتىشقا ماس كېلىدۇ)
ۋەدە بەردۇق ئايرىلمايمىز دەپ ،
كەڭرى كەتكەن گۈزەل دالىدا.
بەختىمىزنى بەرگىن خۇدايىم،
بىر ساڭىلا قىلىمىز دۇئا .
ۋەدە بەردۇق ئايرىلمايمىز دەپ،
بولغاچ بىزدە قاتتىق ئىرادە.
دۈشمەنلەرگە قىلمىدۇق پەرۋا،
پا ك سۆيگۈمىز بولسۇن زىيادە.
ۋەدە بەردۇق ئايرىلمايمىز دەپ،
يۈرەكلەردە بار ئوتلۇق سۆيگۈ .
چىن سۆيگۈگە تولغان دۇنيادا،
پاك سۆيگۈمىز ئۈزۈلمەس مەگگۈ.
----------------------------------------
سەييار
(لىرىك،مۇڭلۇق)
« تامار-تامار كۆل تولار»،
«ئاقار-ئاقار سۇ ئاقار».
بۇ بىچارە قەلبىم يارا،
بىر سەن بىلەن تەسكىن تاپار.
ئاي نىگارىم گۈ ل نىگار،
كۆڭۈل بېغىم گۈلى سەييار.
مېنى بۇنچە قىينىما ،
ئىشقى ئوتۇڭ يامىشار،
كۆيۈك ئوتى يامان ئىكەن،
يا، دىلغا ئارام بەرمەيدىكەن.
ئاشىق كۆڭلى بولسا سەۋدا،
ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىكەن.
ئاپتۇر:ئەكبەرئۆمەر(ئاشىق)
QQ:531779446