تۇغۇلغان كۈنۈمگە مۇبارەك !
بىلىپ تۇرۇپتىمەن . ئازاپ ھېچنىمىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ .
رىئاللىققا قايتىشىم كېرەك . ئەمما تاتلىق بىر ئازاپ مېنى
يەنە شۇ شىرىن ئەسلىمىلەر قوينىغا باشلاپ كىردى .
شۇ تاپتا بىزنىڭ كونا جايىمىز بولغان << كۆك قۇشقاچ >>
قەھۋەخانىسىدا يالغۇز ئولتۇرۇپتىمەن . سىرتتىكى ھېچقانداق
ئاۋازنى ئاڭلىغىم ، ھېچقانداق ئادەمنى كۆرگۈم كەلمىدى .
تېلىفونىمنىمۇ ئېتىۋەتتىم .( ئۇ بۇگۈن كېچە بىر ئارام ئالسۇن )
ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكىنى ئېتىۋېتىپ ئۆزۈمنى ياڭراتقۇدىن
ئاڭلىنىۋاتقان لېرىك كۈي قوينىغا تاشلىدىم .
كۆزۈمنى يۇمدۇم . ئەمما قاراڭغۇلۇقنى ھېس قىلالمىدىم ...
كۆز ئالدىمدا سىز بىلەن ئۆتكۈزگەن بەخىتلىك كۈنلەر كارتىنلىرى ...
كۆز ياشلىرىم ئاستا ئاستا مەڭزىمنى ھۆل قىلىشقا باشلىدى ...
سائەت 12 بولدى .
تۇغۇلغان كۈنۈمگە مۇبارەك !
ئۆز ئۆزۈمگە ئاستا پىچىرلىدىم .
شامنى ياندۇردۇم
ئۆي ئىچىنى غېرىپلىق باستى .
رەھمەت !
ماڭا بەرگەن ھەم ئېلىپ كەتكەنلىرىڭىزگە رەھمەت ...
تۇغۇلغان كۈنۈمگە مۇبارەك ...
ئۆز ئۆزۈمگە يەنە شۇنداق پىچىرلىدىم
. . . . . . . . . .