ئادەملەر
نادانلىققا كۆڭۇلنى يار قىلمايلى،ئادملەر،
شۇنچە كەڭرى ئالەمنى تار قىلمايلى ،ئادەملەر،
ھايات چىھرى نۇرلىنار مۇھەببەتتىن سۆيگۇدىن،
يۇرەكلەرنى مىھىرگە زار قىلمايلى،ئادەملەر،
كۇچىمىزنى پەش قىلىپ،پۇل-مالنى ھەم پەش قىلپ،
ئۆزىمىزنى بىھۇدە زار قىلمايلى ئادەملەر،
ئىچىپ ھەسرەت شارابى،چىلىپ شەيتان راۋابى،
ياشلارغا تۆھمەتنى دار قىلمايلى،ئادەملەر،
شاپاھەت ۋە ھىممەتنىڭ مۇنارىنى ئاغدۇرۇپ،
رۇخسارىنى مەزلۇمنىڭ قار قىلمايلى ،ئادەملەر،
ئارمانلاردىن تۇغۇلار خاسىيەتلىك مۆجىزە،
دۇملەپ ئېستەك-ئارزۇنى پار قىلمايلى،ئادەملەر،
رەسۋا ئىتەر ئىنساننى تەييار تاپلىق،خۇشامەت،
كىملەر نىدۇر يەل بىرىپ شار قىلمايلى ئادەملەر،