ئەلۋىدا دوستلىرىم ئىلىق مۇھەببەت،
خوشلىشاي ئەمدى مەن سىلەردىن ئەبەت.
كەچمىشىم بوپ قالسۇن تاتلىق چۈش بولۇپ،
يوقالسۇن دىلىمدىن بارچە دەرت-ھەسرەت.
شىرىن مەست سۆيگۈلۈك چۈشتىن ئويغۇنىپ،
ئۆتمىسۇن تۈنلىرىم ئۇيقىدىن بىدار.
ئەلۋىدا دوستلىرىم ئىللىق مۇھەببەت،
ئەلۋىدا مەن سۆيگەن سۆيۈملۈك دىلدار.
ئەلۋىدا دوستلىرىم ئىللىق مۇھەببەت،
قەلبىمدە قالمىسۇن قىلچىمۇ نەپرەت.
ئۇ ئاچچىق ئەسلىمىنى سۈكۈتكە كۆمۈپ.
ھەممىنى مېنىڭدىن يىراققا ئەپكەت.
بىمەھەل كۈز كەلمەي تەككەن ئۈششۈكتەك،
ھەرگىزمۇ سۇلمىسۇن ياشلىق ياپرىغىم.
ئەلۋىدا دوستلىرىم ئىللىق مۇھەببەت،
ئەلۋىدا مەڭگۈلۈك سۆيگەن ئامرىغىم.
ئەلۋىدا دوستلىرىم ئىللىق مۇھەببەت،
تىلىمەيمەن ھەرگىزمۇ سېنىڭدىن شەپقەت.
ۋە پەقەت ئالەمنى قاپلىسا ۋاپا،
شۇ چاغدا سەن كېلىپ مېنىمۇ ياد ئەت.