شەرق تەرەپتە
پاسكلىنىلىقلار ئىچىدە قۇياش كۆتۈرىلدى.
بۈگۈن يەنە بۇرۇنقىدەكلا ئۆيدىن چىقتىم.
ياشاشنىڭ نەقەدەر ھاقارەتلىك ئىكەنلىكىنى،
خىزمەت قىلىشنىڭ نەقەدەر غورۇرسىزلىق ئىكەنلىكىنى،
مۇھەببەتنىڭ رەسۋالىقلىقىنى،
يەنىمۇ ھېس قىلدىم.
پىيادىلەر يولىدا ماشىنىلارنىڭ ئىپلاسلارچە مېڭىشى،
نومۇسسىزلارچە سىگىنال ئۇرىشىنى كۆرۈپ خورلۇق ھېس قىلدىم.
ئىتتىپاق يولىنىڭ ئۈستىدە ئۆلۈم كۆۋرىكى ساڭگىلاپ تۇرىدۇ.
ئۆلىۋىلىشىم كېرەك.
<ئاي نۇرى> گۈلخانىسىدىن ئۆزۈمگە بىر تال گۈل سېتىۋالاي.
ئاندىن ئۆزۈمگە بىر پارچە ئايرىلىش خېتى يېزىپ
(ئەلۋەتتە، ئۇ خەتنى بىر قىزغا كۆچۈرتىمەن)
كۆتۈرىۋالاي.
ئاندىن ئۆلۈم كۆۋرىكىدىن ئۆزۈمنى تاشلاي!
شۇ چاغدا ھېچكىم مېنىڭ ئۆلىمىم ھەققىدە بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ،
ھېچكىم مېنى ئەيپلىيەلمەيدۇ.
قولۇمدىكى نەرسىلەرنى كۆرۈپ
بىچارە ئاشىقكەن دېيىشىدۇ...