ئۆتۈپ كەتتى زىمىستان قىشمۇ ،
ئېللىق باھار كەلدى قوغلىشىپ .
خىيال بىلەن ئۆتمەكتە كۈنۈم ،
شۇ كەلمىگەن يارنى ئويلىشىپ .
بىر كېتىپلا يوق بولۇپ كەتتىڭ ،
ئاھ ! دىدارىڭ بولدى قىممەتلىك .
سېغىندۇرۇپ ئۆچمەس بىر ئوتتا ،
قىلىپ قويدۇڭ مېنى بەك دەرتلىك .
شۇ ۋىسالنىڭ گۈلشەنلىرىدە ،
قىلسام دەيتىم سەن بىلەن سەيلى .
سىغىناتتىم سېغىنمىساڭمۇ ،
شۇنداق تۇرسا يۈرەكنىڭ مەيلى .
شۇنچە كۈتتىم خەۋەر يوق سەندىن ،
سۈكۈتلىرىڭ بولدى بىر جاۋاب .
تاتلىق چۈشتىن ئويغىناي قانداق ؟
يۈرەك -باغرىم بولماسمۇ كاۋاپ.
ئارتۇق تەما يوق ئەمدى مەندە،
ئارمانىم شۇ سېنى بىر كۆرسەم .
يۈرەك ئارام تاپاتتى ئەركەم ،
لەۋلىرىڭدە كۈلكەڭنى كۆرسەم .
ئاپتورى: ئارزۇ . 23-مارت يامغۇرلۇق كۈندە يېزىلدى