مۇھەببەت لىرىكىلىرى
روھىم ئارا چېقىلدى چېقىن،
تۇمۇرۇمدا كۈۋەجىدى قان.
كۆز ياشلىرىم ياسىدى ئېقىن،
قەلبىم ئۈنسىز سالىدۇ چوقان.
شۇنداقمىدۇ پۈتۈلگەن قىسمەت،
مۇشۇمىدۇ مەن كۈتكەن تەقدىر.
بەرگىنىڭ يوق،ئالدىڭ كۆپ نىسبەت،
بولدى زەھەر ئىچكىنىم ئاخىر.
سۆيگۈ دىگەن بۇ داڭلىق ماركا،
چىن دىگەندىن بېرەتتى ئۇقۇم.
ئۇمۇ ساختا بولسا دۇنيادا ،
راسىت نەرسىلەر قالمىدى چۇقۇم.
مۇزلىغان يۈرەك
سوغۇق كۈنلەر باشلاندى يەنە،
كېيىنىشتۇق كېيىمنى قېلىن.
ئامال يوقكەن يۈرەك مۇزلىسا،
ئوت بولمىسا ئىللىتماق قېيىن.
ئۇندا بىر ئوت كۆيگەنتى بۇرۇن،
ئىشقىڭ گۈلخان بۇلۇپ گۆرۈلدەپ.
ئۈچمەس ئىدى بۇ ئوت مەڭگۈگە،
بولساڭ شۇ چاغ قالمىغان مۈگدەپ.
ئۆزۈڭ ياققان شۇ ئوتنى ئاخىر،
ئۆز قۇلۇڭدا ئۆچۈردۈڭ نىتەي.
سەندىن ئۆزگە كۆيمىدى يۈرەك،
ئېيتە ئەمدى قانداق ئېرىتەي.
يالغان بىلەن نېقاپلىنىش
ئايرىلىشنى قىلىپ بىز قارار،
ئۈزگىنىمىز رىشتىنى يالغان.
تېخى بەخىت تىلەشكىنىمىز،
يالغان، يالغان تېخىمۇ يالغان.
مەن يۈرسەممۇ ئۆزۈمنى ئالداپ،
ئۇنتۇپ كەتتىم دىگىنىم يالغان.
سەنسىز ئەركىن سۇقمىدى يۈرەك،
سېغىنمىدىم دىگىنىم يالغان.
ئىشىنىمەن قىيداپ سەنمۇ ھەم ،
مەغرۇر كۈلۈپ يۈرگىنىڭ يالغان.
جاندىن ئەزىز كۆرىسەن مىنى ،
ئۆل دەپ تىللاپ يۈرگىنىڭ يالغان.
يالغان بىلەن نىقاپلانساقمۇ،
كۈڭلىمىزگە ھەممىسى ئايان.
نىقاپ ئىچرە مەڭگۈگە چوقۇم،
يۈرەكلەر بۇپ يانىدۇ گۈلخان