توك كەتتى
قاراڭغۇدىن قورقىمەن شۇنچە،
توك كەتسە ئۆي گۆرگە ئايلىنار.
جەسەت كەبى ياتىمەن يالغۇز،
ئۆلگۈر چىراق قاچانمۇ يانار.
ئەتراپ جىمجىت ، باستى قورقۇنىچ،
تۈگۈلىمەن سۇغۇق كارىۋاتتا.
مۇڭداشقۇدەك كىشىممۇ ھەم يوق،
تەنھا تىخى بېشىم ياستۇقتا.
خەپ دېدىم ساڭا ئۈچسەڭ ئۆچۈپتۇر،
سېنى خالىماس كۈنلەردە كۆزۈم.
مەشۇقۇم كەلسە شۇ ۋىسال پەيتى،
سەندىن ئۈچ ئىلىپ ئۈچۈرەي ئۆزۈم