خاسلىقىنى ئىپادىلەش
خازان تۈككەن دەرەخلەردە نىگاھىم،
سوغ شامالدا توڭۇپ ھەر يان ھۇشقىتار.
چۈش كۆرىدۇ يۇمران ئەركە شاخلىرى،
بىزگە بۇ يىل باھار قانداق تون پىچار.
ئادەملەرگە ئۇخشىمايدۇ دەرەخلەر،
يىلدا بىر رەت كېيىم كىيسە كۇپايە.
كىيىنگەچكە ئىپادىلەپ خاسلىقنى،
كۆرىنىدۇ بىزگە ئۇز ھەم سىپايە.
دەرەخلەرمۇ ئۇخشاشلا بىر دەرەختۇر،
دىمەك كېيىم يۇپۇرمىقى، بەلگىسى.
ئىپادىلەر شۇ يۇپۇرماق ئۆزىنى،
قايسى دەرەخ، نىمە ئۇنىڭ مېۋىسى