سەھرادىكى لىرىكا
شەبنەمدىكى جىلۋىدار گۈلدەك،
سالام قىلدى جىلمىيىپ بىر قىز.
ۋۇجۇدۇمغا تارىدى لەززەت،
ئارقىسىدا قالدى نۇرغۇن ئىز.
ئارقىسىدا قالدى نۇرغۇن ئىز،
باستى ئۆچمەس مۆھۈرنى شۇئان.
ئويلىمىغان مەن سېنى زىنھار،
يۈرۈگۈمگە كىردىڭ سەن قايان.
يۈرۈگۈمگە كىردىڭ سەن قايان،
مەست خوشلۇقتا ياتىسەن ئۇخلاپ.
رومىلىنى ئاچتى قۇياشمۇ،
بۇچاققىچە قويمىدىڭ يوقلاپ .
ئيتقىنە ئەي، قار چاچلىق قىز،
چۈشلىرىمگە كىردىڭمۇ ئۈنسىز.
ئوغۇرلۇقچە قارايمەن ساڭا،
بۇ كۈنلىرىم ئۈتەمدۇ سەنسىز