ئانا بۇلۇپ باققانلارلا بېلىدۇ
ئانا بۇلۇپ باققانلارلا بېلىدۇ،
<<ئانا>>دىگەن سۆزنىڭ چوڭقۇر ۋەزنىنى.
بىلمەك بولساڭ قېنى سەنمۇ قۇلاق سال،
ئاڭلاپ مېنىڭ نەسىھىتىم ۋەزىنى.
ئاناڭ بارغۇ سېنىڭمۇ ھەم مىنىڭدەك،
ئۇغلۇم كۆكتە پەرۋاز قىلسۇن دەيدىغان.
ئۇچرىمىسۇن دەپ بورانغا،جۇدۇنغا،
كىچە - كۈندۈزغېمىمىزنى يەيدىغان.
ئاغرىنماس ئۇ ھىچقاچانلا سېنىڭدىن،
قويمىساڭمۇ بىرەر قېتىم ھال سوراپ.
قىسىنىدۇ كەمپۈت چاغلىق تاتلىقتىن،
خۇشاللىقى شۇدۇر كۈلسەڭ سەن شوراپ.
بارلىقىنى بېغىشلىغاچ ئۇ شۇنداق،
ئارمانلىرى سېنىڭ بىلەن كۆكلەيدۇ.
ئۆزى قىلچە راھەت كۆرمەي سېنى دەپ،
جاپايىڭنى يەلكىسىگە يۆكلەيدۇ.
ئەنە شۇنداق مىھرى ئاتەش ئىنسان ئۇ،
بالام دەپلا جان كۆيدۈرەر بىر ئۆمۈر.
ساڭا دىسەم ئىشەنمەيمۇ قالمىغىن ،
ئانا جېنى بالا ئۈچۈن بىر تۆمۈر.
لىكىن بۇنى بىلمەي كەلدىڭ ئەزەلدىن،
بۇپتۇ شۇنداق قىلغىنىڭغا خەيرىيەت.
ئەمدى سەن چوڭ بىر ئادەممۇ بۇپ قالدىڭ،
بۇندىن كىيىن ھالىغا سەن ياخشى يەت