قاردىكى سۆيگۈ(تامچە)
لەپىلدەپ ياققان تۇنجى قار بىلەن،
خىيالىم ئات سالدى ئاشۇ چاغلارغا.
قاردا قارلىق تاشلىغان ئاشۇ پاك قەلب،
مۇھەببەت ئوتۇنى ياققان دىللارغا.
سۇنغانتىم ئۇنىڭغا قارلىق تۈگۈننى،
مىڭ خىيال ئىچىدە تولغىنىپ يۈرەك.
ئۇمۇ ھەم ئاۋايلاپ ئالدى قوش قوللاپ،
قارلىقتا پۈتۈلگەش چىن سۆيگۈ تىلەك.
ئاچتى ئۇ قارلىقنى ئۇيالدى شۇئان،
يامرىدى يۈزۈگە توغاش رەڭ قىزىل.
كۆزلەر ھەم ئۇچرۇشۇپ شۇ دەقىق بىلەن،
يۈرەكنى مۇجىدى تاتلىق بىر خىجىل.
كۆزلۈرۈم تېلىنىپ ئوتلۇق كۆزۈگە،
كۈتتى دەم ئۇنىڭدىن سۆيگۈ جاۋاپنى.
ئويلىشىپ دىمەككە كەتتى قايرىلىپ،
دەپ تۇرسىمۇ كۆزلىرى ماقۇل جاۋاپنى.
كۆزلىرىم ئەگەشتى ئۇنىڭ كەينىدىن،
يۈرۈگىمنى ئېلىپ كەتكەش مېنىڭدىن.
كۈتۈشكە دەقىقە قالمىدى ھالىم،
روھىمنىمۇ ئېلىپ كەتكەش مېنىڭدىن