مەندىن ساڭا نەسىھەت

(تىلەمچى ئانىنىڭ يۈرەك سۆزلىرى)
تۇرنىسا رەھىم
ماكانسىز بوپ سەرسان يۈردۇم جان ئوغلۇم،
پاتمىغاچقا كەڭ ئۆيىڭگە بىر ئاناڭ.
ماڭا ئوخشاش ئەزىز بىلىپ چوڭ قىلما،
ۋاپاسىز بوپ چوڭ بولاركەن شۇ بالاڭ.
ۋاپاسىز دەپ دەرت تۆكۈشكە ھەققىم يوق،
بالا ئۈچۈن كۆيگەن گۈناھ ئۆزەمدە.
ئاڭلىماستىن بوۋايلارنىڭ سۆزىنى،
جاندىن ئەزىز كۆرگەن گۈناھ ئۆزەمدە.
ئارزۇلاردا ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلىپ،
ئۆيلەپ قويدۇم ساڭا ئۆينى تەل قىلىپ.
قەدىناسىم بالدۇر كەتكەچ ئالەمدىن،
غېرىپ بولدۇم ماڭانى يوق تۇل قېلىپ.
تىلەپ يۈردۇم زىمىستان قىش كۈنلىرى،
تۈنەپ يۈردۈم سوغاق،ئۇزۇن تۈنلىرى.
باش پاناھسىز سەرگەندار مەن جان بالام،
ئىچ ئاغرىتىپ يۆلەپ قويدى بىرلىرى.
بۇ جاھاننى ئۆتنە ئالەم دەيدىكەن،
كۆرسەتمىسۇن سىاڭا بۇنداق كۈنلەرنى.
ئېچىنزارە ئۆي ئۆيلەرگە تەلمۈرۈپ،
دالىلاردا ئاغرىپ ياتقان تۈنلەرنى.
قاتتىق تەلەپ قويغىن ئوغلۇم بالاڭغا،
كىچىكىدىن بولسۇن مىھرى ۋاپادار.
ئەتىۋارلاپ كۆيسە مەندەك بالىغا،
بولالمايدۇ سەندەك بالا غەمگۈزار.
يا ئالمىدى ئامانەتنى جۇدايىم،
بولغايمىدى يەنە قانداق گۈناھىم؟
پۇتلىرىمدا كەتتى ماغدۇر جان بالام،
لىكىن يوقتۇر بۇ ئالەمدە پاناھىم