ئاپتۇر: ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
ئېغىر تىنىپ كۆكلەرگە باقسام،
تۇمان بېسىپ مۆكۈۋالار ئاي .
ھەسرىتىمگە جۇدالىق قوشۇپ،
تەنھالىقنى چىللايدۇ قۇشلار.
مەندىن بەلكىم ھەممىلەر بىزار،
جىلمايغىنى ھەممىدىن دېرەك.
غەرىق بولسام دەيمەن ئۇيقۇغا،
شاخلرىمغا قونسا كېپىنەك.
تۈن كېچىلەرقالسام چۈشەكەپ،
ئەنسىرەيمەن قارا بېسىشتىن.
سېغىنىشتا ئېسىمنى بىلمەي،
قېنى سەن دەپ توۋلاپ سېلىشتىن.