| |
| ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
| |
|
| |
|
| |
|
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
|
|
|
|
|
كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن(شېئىر)
تاڭ ئاتقىچە سېنى كۈتەرمەن، كۈن پاتقىچە سېنى كۈتەرمەن. ھالاك بۇلۇپ ھىجراندا ئەگەر ، كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن.
كېلىپ تۇرسا يازغان خەتلىرىڭ ، بىلىنمەيدۇ تارتقان دەرتلىرىم ، ئۆلمەس ئەمما خىيال كەپتىرىم ، كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن.
تېپىلمايدۇ ماڭا سەندەك يار، كەڭرى دۇنيا سەنسىز ماڭا تار ، توۋلىغىنىم پەقەت بىر شۇئار : كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن.
سەنسىز قانات قاقمايدۇ كۆڭلۈم ، ياتقا ئىشىك ئاچمايدۇ كۆڭلۈم. ئۆزگىلەرگە تارتمايدۇ كۆڭلۈم ، كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن.
مەيلى مۈشكۈل بولسا يالغۇزلۇق ، تالاشمايمەن ھېچكىمدىن ئۇزلۇق ، ياتقان يېرىم بولسىمۇ مۇزلۇق ، كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن.
چۈشلىرىمگە كىرەرسەن بەلكى، مەيلى ئىزدەپ كېلەرسەن بەلكى، مەن كۆنگەنگە كۆنەرسەن بەلكى، كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن.
سەن تۇرغاندا ئۆزگىنى دەيمۇ، سەن تۇرغاندا جاندىن غەم يەيمۇ، ساڭا بەرگەن كۆڭۈل ئۆلگەيمۇ ، كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن.
ئۇچۇرىڭنى ئېلىپ يۈرىمەن، كېلەرىڭنى بىلىپ يۈرىمەن، ساڭا خەتلەر سېلىپ يۈرىمەن ، كېلەلمىسەڭ يالغۇز ئۆتەرمەن.
ئالاقىلاشقۇچى: ئالمىرە |
| كۆرۈلۈشى:425 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-15 16:24:14 | يوللىغۇچى ئەزا: |
|
|
| | | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
| سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
| |
|
|