Article Center - ماقالە مەركىزى - سۆيگۈ نىدالىرى(كامىلجان ناسىردىلداشنىڭ شېئىرلار تو
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


سۆيگۈ نىدالىرى(كامىلجان ناسىردىلداشنىڭ شېئىرلار تو

سۆيگۈ نىدالىرى 

(كامىلجان ناسىر دىلداشنىڭ شېئىرلار توپلامى)

ئەسسالاممۇئەلەيكۇم ئۇچۇر تورىنىڭ ئوت يۈرەك ئىشتىراكچىلىرى ! كەمىنە دىلداشتىن سىزلەرگە چەكسىز سالام !

ئۇشبۇ تور بەتكە ھېرىسمەن دوستلىرىمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن مەنمۇ بۇ تور بەتنىڭ دايىملىق ئەزاسى بوپ قالدىم.شۇڭا بىكار ۋاقىت تاپساملا ئىكران ئالدىدا ئولتۇرۇپ ھېس ھاسىلاتلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشقا ئادەتلىنىپ قالدىم.ھەر قىتىملىق يازمىلىرىم تور بەت يۈزىدە كۆرۈنسە ھاردىقىم چىقىدۇ.بىر قىسىم ھالال نىيەت دوستلىرىم ۋە تورداشلىرىمنىڭ تېلېفۇننى تاپشۇرۇپ ئالغىنىمدا شۇنداق سۈيۈنۈپ كىتىمەن.ئادەم ئۆز ئۆمرى ۋە ۋاقتىنى ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان ئىشلارغا سەرىپ قىلسا شۇنداق سۈيۈندىغان ئوخشايدۇ.مەن بۈ گەرچە ياخشى ئەسەرلەرنى يازالمىساممۇ نۇرغۇن دوستلۇرۇم ماڭا ئېلھام مەدەت بىرىپ كەلدى.مەن ئۇلاردىن خۇرسەن.شۇڭا بۇنۇڭدىن بۇرۇن تورداش دوستلارنىڭ تەۋسىيەسگە ئاساسەن بىر نەچچە پارچە ئەسىرىمنى مۇجەسسەملەپ بىر توپلامنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇشنى لايىق كۆرگەندىم. بۈگۈن بۇ توربەتتە مەخسۇس ئەدەبىي ئەسەرلەر سەھىپىسى ئىچىلغانلىقىدىن چەكسىز مەمنۇن بۇلۇپ،ئالدىنقى قىتىم يوللىغان 2قىسىم توپلامىمنى مۇجەسسەملەپ بۇ توپلامنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.ياقتۇرۇپ ئوقۇش بىلەن بىرگە تەنقىت ،تەكلىپ پىكىر بىرشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئاپتۇر: كامىلجان ناسىر(دىلداش)

يەنە ئۆتتى بىر كۈن ئۇچۇرسىز،
ۋۇجۇدۇمنى ئەزمەكتە ھەسرەت.
ئارمانلىرىم مۇڭلاندى غەمكىن،
مېنى كۈتۈپ ئالماقتا كۈلپەت .

تەلمۈرگەنتىم شۇ قەدەر تەشنا،
ئەپسۇس يەنە بولمىدى ئىمكان.
بۇ قىسمەتكە بىرەلمەي تەبىر ،
كۈتۈش بىلەن كۆيمەكتە بۇ جان.

دىلىم غەمكىن سۈكۈتلىك قەلبىم،
تەشۋىشلەردىن باياۋان ئارا.
ھەيرانلىقتىن سەزگۈلىرىم لال،
بىلەلمىدىم بىلمىدىم توۋا .

==========================

نەقەدەر قىيىندۇر سۆيگۈسىز ياشاش

ئازابى نەقەدەر چەكسىزدۇر، چەكسىز،
بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۈرۈشنىڭ.
سۆيگۈنىڭ دەھشەتلىك گۈلخانلىرىدا،
گوياكى سەمەندەر بۇلۇپ كۈيۈشنىڭ.

ئۇيقۇسىز كېچىلەر ئۆتەر مەنىسىز،
يۇلتۇزلار ھەسرەتتىن تۆككەندە كۆزياش.
يۈرەكتە مۇھەببەت مەۋىج ئۇرسىمۇ،
نەقەدەر قىيىندۇر سۆيگۈسىز ياشاش.

بىر جەسەت دەپ مېنى ئويلا مۇھەببەت،
يۈرىكى گوياكى مۇز بۇلۇپ قاتقان.
ھەسرەتلىك كۈيلەرنى مۇجەسسەم ئەيلەپ،
تۈنلەردە ئارمانلىق ئويلارغا پاتقان.
===========================

ئاشىق نىداسى


تاپشۇرسام كۆڭلۈمنى ساڭا ئۈمۈتتە،
نە ئۈچۈن يۈرۈيسەن مەندىن يىتىرقاپ.
ۋىسال دەپ تەلمۈرگەن ئوتلۇق ئارمانلار،
تامادا زارلانسا دەھشەت ئىچىرقاپ.

شۇقەدەر پارۋاسىز يۈرۈيسەن ئۈنسىز،
قەلبىمنىڭ قىتىدا چوغلانسا گۈلخان.
پايانسىز ئۇپۇققا تىككىن كۆزۈڭنى ،
بىلەمسەن ئەقىدەم ئۇندىن نۇر ئالغان.

لەۋلىرىم يادلايدۇ تەكرار ئىسمىڭنى،
ئاھىمغا ھېسداش بوپ بۇلۇت تۆكەر ياش.
ئاشىق بۇ ھالىمغا سالمامسەن نەزەر،
يەنىلا مەۋجۇتقۇ سەندە يىتىرقاش.

========================
يۈشۈرۈن ئازاب

بىلمەيسەن نە ئۈچۈن كۆيەر بۇ يۈرەك،
بىلمەيسەن نە ئۈچۈن ئۇيقۇسىز تۈنلەر.
بىلمەيسەن باغرىدىن سىرغىتىپ زەرداپ،
قەلبىمدە پورەكلەپ ئېچىلسا گۈللەر.

بىلمەيسەن نە ئۈچۈن ھەسرەتلىك كۈيلەر،
بىلمەيسەن نە ئۈچۈن تۆكۈلەر كۆز ياش.
بىلمەيسەن تەلمۈرۈپ كۈتكەننى كىمنى،
گوياكى ئۆلۈمنى كۈتكەنگە ئوخشاش.

شۇ قەدەر ساددا سەن شۇ قەدەر ئەخماق،
بىلمەيسەن نېمە ئۇ زادى مۇھەببەت.
ھەممىنى چۈشۈنۈپ قالىسەن بىر كۈن،
مۇھەببەت قەلبىڭگە تاشلىسا كۈلپەت .

============================

ئەھۋالىمنى سۇراپ تۇر يايرىم

ئەھۋالىمنى سۇراپ تۇر يايرىم،
دىدارلاشماي ئۆتسىمۇ كۈنلەر.
ھىجرانلارغا چۆكمىسۇن ئارمان،
يۈرەكلەردە جانلانسۇن كۈيلەر.

جىسىم كۈيۈپ ئىشقىڭدا ھەردەم،
چاڭقاقلىقتا ھالسىزدۇر قەلبىم.
ئەقىدەمنى ھېس قىل قۇياشتىن ،
ئايان بۇلۇر تەپتىدىن مېھرىم.

ھايات باقى ئەمەس ئىنسانغا ،
ئۇشتۇمتۇتلا ئۆلەرمەن بەلكىم.
يادىكارىم ئۆتسەم ئالەمدىن ،
پاك قەلبىڭدە نۇرلانسۇن قەدرىم.

==========================

سۆيگۈ كوچىسىدىكى ھېسلار


(1)

يۈرىكىم سامادىن ئالغانمۇ ئەنداز ،
سىغىدۇ ئۇنۇڭغا بارچە ئازاب - دەرت .
كۆرۈنمەس ھېچقاچان سۆيگۈ قۇياشى ،
نەدىدۇر ،ئېيىتقىنا ،دوستۇم مۇھەببەت.

ھاياتتىن ئالغىنىم تاڭسۇق نىسۋە،
ئەتراپىم يەنىلا تۇماندۇر تۇمان .
تۇمانلار ئىچىدە ماڭدىم توختىماي،
سۇۋۇدى تۇمۇردا دولقۇنلىغان قان .

نەقەدەر مۇھتاجمەن تەسەللىگە ،ئاھ ،
نەقەدەر مۇھتاجمەن سۈيۈش -كۈيۈشكە.
باغرىمنى ئاشىيان ئەتسە پەرىشتەم ،
مەن رازى شۇدەقىق ئۈنسىز ئۆلۈشكە.

===========================
(2)

تۇلۇنئاي ئۈزگەندەك ئۈزسەڭ قەلبىمڭدە ،
بىخلىنار ئارماندىن پاك سۆيگۈم بۇدەم.
بۇ مىسكىن قەلبىمگە تاپىمەن تەسكىن ،
چۈنكى سەن روھىمدا ھامان پەرىشتەم.

ھەسرەتلىك خىياللار دەۋرەيدۇ ئۈنسىز ،
قالىمەن قاراڭغۇ جاڭگالدا ئۇزاق.
گىلاستەك لېۋىڭگە تەلمۈرەر لېۋىم،
ئارىمىز يىراقتۇر يىراق بەك يىراق .

ئۆتىدۇ سائەتلەر ئۇچقۇر شامالدەك،
ئۆتمۈشكە ئايلىنار سېغىنىش كۈتۈش.
چۈشۈمدۇر مۇھەببەت چۈشۈمدۇر ۋىسال،
چۈشۈمدۇر سەن بىلەن بىر بۇلۇپ ئۆتۈش.

ئەڭ پاكىز ئىماندىن تىلىدىم سېنى،
ئاللادىن كۈتكەندەك ۋەھى پەيغەمبەر.
تىلەيمەن تىلىكىم مەقبۇل بولغىچە .
تىلەيمەن تۇپراققا كىرگەنگە قەدەر.

==========================

(3)

ئۆلگەن بىر ئادەمنىڭ روھىدەك گويا -
ماڭىمەن بۇ كوچا پايانسىز كوچا .
ئۇچرىتىپ قىلىشنى كۈتسەممۇ سېنى،
ئۇچرىتىپ قېلىشنى كۈتمەيسەن ئەمما.

بۇ كوچا شۇ قەدەر سۇغۇق ،بىر كوچا ،
ئۆزۈمدىن باشلىنىپ تۈگەر ئۆزۈمدە.
ئىزدەيمەن بىر ئۆمۈر بوپ كېتىشنى يەم،
شۇ سېنىڭ بىپەرۋا خۇما كۆزۈڭگە.


===============================

سۈيۈپ قالسام

ھىدىڭ ئېلىپ كەلگەن شوخ شامال،
ئىللىققىنە تەگسە يۈزۈمگە ؛
كىرپىكىمدىن رەھلەنگەن ھېسلار،
شېھىت بولسا ئويچان كۆزۈمگە.

شىددەتلىنەر قەلبىمدىن ئېقىن ،
ئېچىرقاشتا تېۋىنىپ يۈرەك.
سەن يۈرەرسەن بەلكىم بىپەرۋا،
مەن خىيالدا ساڭا يار يۆلەك.

سۆيۈپ قالساڭ خالىساڭ سەنمۇ،
ئېتىلارمۇ يۈرەككە ۋولقان.
سۇئاللاردا بىخلانغان ئويلار،
يۈرىكىمدىن تامچىلىتار قان.

======================

تۈگەپ كەتسە بىزدە ياتسىراش




ھايات يولى شۇنداق ئۇزاق يول،
گاھى داۋان،گاھىدا راۋان .
تۇرمۇش بەرسە بەزىدە كۆز ياش،
شادلىقنىمۇ بىرىدۇ ھامان .

ھايات پەسلى ھەر بىر جان ئۈچۈن،
سۆيگۈ ئارمان قوزغاپ ئۆتىدۇ.
جانان ئۈچۈن زارىقسا بىرى،
بىرى ھامان كۈلۈپ ئۆتىدۇ.

شۇنداق يۇسۇن دەۋرلىكىدە،
سېنىڭ ئۈچۈن ناخشا پۈتىمەن.
ئۈنسىز كۈتۈش ،ھالسىز سۈكۈتتە،
بىر سېنىلا ھامان كۈتىمەن.

سېنىڭ ئۈچۈن ئاتالغان كۆڭلىم،
سەن قەلبىمدە ھامان بىر قۇياش.
ئارمىنىم شۇ جۈپلەشسە يۈرەك،
تۈگەپ كەتسە بىزدە ياتسىراش .

======================

زارلانما يۈرەك

زىمىستان قوينىدا مۇجۇلدۇڭ يۈرەك،
قېنى ئۇ،باھاردەك شېرىن كەچمىشىم؟
مۇزلايمەن ئاشىقلىق زىمىستانىدا ،
ياستۇققا دەريادەك ئاقىدۇ يېشىم.

ئېھ ،بىر چاغ باھارنىڭ باغرىغا سىڭىپ،
بېسىلغان ھاياتتا سانسىز ئىزلىرىم.
قەلبىمنى سىلىسا سۆيگۈ قۇياشى ،
قادالغان ئۇپۇققا ئويچان كۆزلىرىم.

ۋىسال دەپ توۋلىغان ھەر بىر نىدالىرىم،
باشلىدى دىللارغا سانسىز رىۋايەت.
كۆكتىكى يۇلتۇزلار قىسسا كۆزىنى،
تۇلۇنئاي قەلبىمگە سالدى مۇھەببەت.

ئارمانلىق زارلانما بولدى يۈرىكىم،
ئاشىقلىق بىر ساڭا ئەمەس بەخشەندە.
باقىدۇ ساڭىمۇ ۋىسال تاڭلىرى،
ئازابلىق ئۆتمۈشۈڭ ئۇزاپ كەتكەندە.

===========================

تەشۋىش

ماڭىمەن شۇقەدەر بەكمۇ ئالدىراش،
خىياللار كەزمەكتە قەلبىم قىتىنى.
توختاۋسىز ئۆزۈمگە سۆزلەيمەن ئۈنسىز،
ۋاراقلاپ ئالدىراش كەچمىش بېتىنى.

يوللارغا سىڭمەكتە سىغىنىش كۈتۈش،
گوياكى كۆزۈمدىن ئاققان ياش كەبى.
دىلدىكى تۈگىمەس تاتلىق ئازابلار ،
قۇترىغاچ ئارامسىز شۇنچە ئەسەببى.

مەنزىلىم بەك يىراق بىلىنەر ماڭا،
بىلمەيمەن قەيەردە توختاشنى توۋا.
ئىڭىمدە جار سالغان ئوتلۇق تۇيغۇلار،
ماڭغانچە تۇيۇلۇپ بارماقتا غۇۋا.

مەن ھارغىن بارساممۇ ئالدىڭغا بەلكىم،
تەسەللى بەرمەيسەن كۆز ياشلىرىمغا.
گەر تۇپراق بولساممۇ قەدىمىڭ ئۈچۈن،
چۆكمەيسەن زوقلۇنۇپ ئاراشلىرىغا.

==========================
ھەيرانمەن

ئالەمچە سۆيگۈدىن پۈتكەن ۋۇجۇدۇم،
يارىلار ئىشقىمدىن شادلىق ھۇزۇرۇمۇم.
ساداقەت يار ھامان ئارمانلىرىمغا ،
بولغاچقا دىلىمدا ئويغاق غۇرۇم.

پەرۋاسىز يۈرۈيمەن تۆھمەتلەر ئۈچۈن ،
ئەجرىسىز ئىنتىلمەي ھېممەتلەر ئۈچۈن.
رىسقىمغا شۈكرە دەپ قىلىمەن ئەجىر،
مىڭ ئەپسۇس تۆھمەتنى تاڭلەيدۇ نىچۈن؟

بەزىلەر بەختىمگە قۇرىدۇ قاپقان ،
پايلايدۇ يۇلۇمنى بۇلۇدۇ چاشقان .
پەرۋاسىز بىرھالدا يۈرسەم ئۆزەمچە،
ھەسەتتە ئىچىدە ياشلىرى ئاققان.

بۇ ئالەم ئەشۇنداق سىرلىق بىر ئالەم ،
سىر ئارا سىر تۇتۇپ ياشايدۇ ئادەم.
بىرلىرى ئەجرىدىن كۆكلىسە توۋا ،
بىرلىرى ھەسەتتە يۇتۇدۇ ماتەم.

========================

خەۋىرىڭگە بۇلۇپ تەققەززا

چۈشلىرىمدە كۆرمىدىم مەنمۇ،
بەلكى سەنمۇ كۆرمىدىڭ مېنى.
سىغىنىشتا كۈيۈپ چوغلاندىم ،
تىلىكىمدە تىلەپلا سېنى.

تەشناللىققا تولدى بۇ قەلبىم،
كۈتۈشلەردىن مۇڭلۇنۇپ ئارمان.
تىنىقلاردا تىلەپ ۋەسلىڭنى ،
ئازابلىنىپ قىينالماقتا جان .

نە كويلاردا يۈرگەنسەن مەغرۇر،
سۆيگۈم ئۈچۈن پەرۋاسىز بۇلۇپ.
غەمسىزلىك قىينىغاچ دەمدە ،
ئارمانلىرىم قالدى مۇڭلۇنۇپ .

خەۋىرىڭگە بۇلۇپ تەققەززا ،
تۈندە بىدار بولدۇم ئۇيقۇدىن.
يەنە ئۇچۇر يازدىم ئۈمۈدتە ،
دىلىمدىكى ئويغاق تۇيغۇدىن.

========================

كەلگىن تىزراق يىنىمغا

چۈمبىلىنى قايرىپ قۇياش كۈلگەندە،
مۇڭلىنىمەن ئەسلەپ نۇرلۇق يۈزۈڭنى.
گۇگۇم پەسلى جىمىرلىسا يۇلتۇزلار،
كۆرگەندە ھەم بولمىغىن جۈپ كۆزۈڭنى.

ھەر كېچىسى ئەل ئۇيقۇغا كەتكەندە،
كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ كەلمەس ئارماندا.
خىيالىدا كىزىپ چەكسىز ئالەمنى،
كىرپىك قاقار ئارمانلار تاڭ ئاتقاندا.

ھىجرانىڭدا زەپ قىينالدى بۇ جېنىم،
لىغىرلايدۇ قارچۇغۇمدا ھامان ياش.
يىتەلمىگەپ سېنىڭ ئوتلۇق ۋەسلىڭگە،
تىلەك تىلەپ ئۆتەر كۈنۈم ئالدىراش.

رام ئەيلىگەچ ۋۇجۇدۇمنى سېغىنىش ،
سانچىلىدۇ ھىجران تىغدەك جىنىمغا.
تۈن نىسپىدە تېلېغۇن قىلدىم ئۈمۈدتە،
ئەي پەرىشتەم كەلگىن تىزراق يىنىمغا.

==============================
قۇچاق ئىچىپ كەلسەڭ مەن تامان

قۇچاق ئىچىپ كەلسەڭ مەن تامان،
قىيانلىدى قەلبىمدە ھېسلار.
باغلىۋالدى كۆڭلۈمنى مەھكەم،
تەشنالىقتا كۆرۈنمەس يىپلار.

شېرىن چۈشتەك ئۆتمەكتە كۈنلەر،
چاڭقاقلىقتا تىلەيمەن سېنى.
چاك -چاك بولدى يۈرەك ئارماندا،
ئۆڭۈپ كەتتى چىرايىم قېنى.

چۈش كۈرۈپلا ئۆتەرمۇ ئۆمرۈم،
قالدۇرالماي لەۋلىرىڭدە ئىز.
مىسرالارغا تىزدىم مەن سېنى،
كۆڭلۈمدىكى ئەي قەدىرلىك قىز.


==========================

ھاياتلىق ھېچ خالى ئەمەس كەچمىشتىن

<< ھەر كىم ھەر نىمە دەيدۇ،
دەرت كەلمەيدۇ بىلمەيدۇ>>

ئۇيغۇر خەلىق قۇشاقلىرىدىن

شۇنداق ، بىلگەنلەر بىلىدۇ ، بىلمىگەنلەر بىلمەيدۇ، دوستۇم قۇلۇڭنىڭ بارماقلىرىغا نەزەر سالدىڭمۇ؟ ئاسماندا ئۇچىۋاتقان قۇشلارنىڭ ئۇچىغا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ شەيئىلەرگە،ھاياتلىق ئالىمىگە ئىقىل كۆزۈڭ بىلەن نەزەر سىلىپ، ھېسسى تەپپەككۇرۇڭ ئارقىلىق مۇھاكىمە قىلدىڭمۇ؟ خىياللىرىڭ بىلەن ھېسلىرىڭ ئارسىدا مۇنازىرە ئېلىپ باردىڭمۇ...؟
- بىلىمەن ئىنسان ھامان ئەتىنى كۈتۈپ ،تۈنۈگۈننى چۈشىدە كۈرۈپ ياشايدۇ.بۇگۈننى باشتىن ئۆتكۈزۈپ،قولدىن كەتكەن تۈنۈگۈنى ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىدۇ.كۈلىدۇ ياكى قاخشايدۇ مانا بۇ تەكرارلىق،مانا بۇ ھەقىقەت.شۇنداقلا ئىرشىش بىلەن يۇقۇتۇشنىڭ تەكرارلىغى. مانا بۇ جەرياندا ئىنسان ئۆز تەقدىرى ھەققىدە يىڭىچە تەجىربە ساۋاققا ئىگە بۇلۇدۇ.ئۆزىدىن نەپرەتلىنىش ياكى ئۆزىدىن پەخىرلىنىش شارائىتىغا ئىگە بۇلۇدۇ.قىسقىسى ئەتە ئىنسان ئۈچۈن ئۈمۈد ، تۈنۈگۈن ئىنسان ئۈچۈن تارىخ مانا بۇ دەۋرىلىك ئىچىدە خۇشاللىق بىلەن ئازاب،ئۈمۈد بىلەن ھەسرەت،قايغۇ بىلەن نادامەت...گىرەلەشكەن جەريان.بۇ جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزگەندىلا ئىرادە تاۋلانغان بۇلۇدۇ...

ھەر كىمنىڭ دەرتلىرى ئۆزىگە ئايان ،
بولغاچقا ھاسىلدۇر مۇھەببەت - نەپرەت.
كۈلۈشمۇ يىغلاشمۇ تەدبىرگە باغلىق ،
كىم سەگەك ياشىسا باسمايدۇ غەپلەت.

دەرتمەنگە لەننەتلەر ياغدۇرما دوستۇم،
ھالىنى سۇراپ قوي قالمىسۇن غەمدە.
ئۆمۈرنىڭ مەنزىلى بىلسەڭ ئىگىز - پەس،
يىغاڭنى ئۇنۇتما خۇشال كۈلگەندە.

بىلىمەن سەن بۈگۈن كۈلسەڭ قاقلاپ،
ئەتىسى،ئۆگۈنى يىغلاش ھەقىقەت.
بىلىش ھەق دەرتمەننىڭ ھالىنى دەرتمەن،
بىلمىگەن ھېسسىزلار گوياكى جەسەت.

ھاياتلىق ھېچ خالى ئەمەس كەچمىشتىن،
دەرت بىلەن تەشۋىشتىن يارىلار ئېقىل.
ئارمانىڭ يۈرمىسۇن بوشلۇقتا تىنەپ،
ئېقىلدىن كۈچ تاپقىن بولمىغىن بىخىل.

دەرتمەننىڭ ھالىدىن كۈلمە ئالدىراپ ،
ھەسرەتتىن ھەر يۈرەك بۇلۇرغۇ دەرتمەن.
يەر سىخى دەيمىزيۇ ئەجىر - مىھنەتتە ،
بەرمەيدۇ ئۇ،ھۇسۇل چاپمىساق كەتمەن.

===========================
ھەقىقى جان كۈيەر بولساڭ


سىغىنىش ھىجرانىدا چەكتىم ئازاپ،
كەمىگەچ كۈتسەم سېنىڭدىن بى جاۋاپ.
تاقىتىم تاق بولدى تەشۋىش ئىلكىدە ،
كۈنلىرىم ئۆتمەكتە ھەردەم ھالسىراپ.

شەكلىنىپ قالدىم سىنىڭدىن ئويلۇنۇپ،
قالدى ئارمان غەم ئىچىدە مۇڭلۇنۇپ .
تۈنلىرى كەلمەيدۇ ئۇيقۇم ھەر قاچان،
ياتىمەن گوياكى قىلدەك تۇلغۇنۇپ.

مەيلى سۆي ،سۆيمە ماڭا بەرگىن خەۋەر،
تولدى تەشنالىق دىلىمغا شۇ قەدەر .
قىينىما ھىجران ئىچىدە قالدۇرۇپ ،
سەن ماڭا بولساڭ ھەقىقى جان كۆيەر.

==============================

سىغىنمىدىڭمۇ

ئاپتۇر: كامىلجان ناسىر(دىلداش)

يۈرۈكۈم سىغىنىش ئىچىدە سەن ئۈچۈن خىتاپ قىلماقتا،قارچۇغۇم پايانسىزلىق ئىچىدە سېنى ئىزلەۋاتىدۇ.ئېلھاملىرىم سەن ئۈچۈن قىيانلىماقتا... دىلىمدىكىنى پايانسىز ھېسلىرىمنى تۇلۇق يىزىپ بولالمايمەن ،بىلەمسەن ھەممىسى بىر سېنى سىغىنغانلىقىم ئۈچۈن. شۇ تاپتا سەن ئۈچۈن يەنە بىر خىتاپ قىلاي.يۈرەك سادالىرىمنى ئوقۇپ كۈلەرسەن ياكى تېلفۇنۇڭنى قۇلۇڭغا ئېلىپ يۈرەك سادالىرىڭنى ماڭا يەتكۈزەرسەن.ئەگەر پىخسىقلىق قىلساڭ يەنىلا ئۆكۈنمەيمەن.چۈنكى مەن ساڭا ھەقىقى ئاشىق...
قىنى تۆۋەندىكى مىسرالىرىم ئارقىلىق سەندىن يەنە بىر سۇراپ باقاي:

تەققەززا بوپ سىغىنىغىنمدەك،
سىغىندىڭمۇ نىگارىم مېنى.
ئارمانلىرىم ئۈنلەردەمدەردەك،
ئاققاچ دىلدا سۆيگۈ كەلكۈنى.
ۋىسال تىلەپ سەندىن ئارامسىز،
تەقەتلىرىم تاق بولدى ھامان .
شۇنداقتىمۇ ئۈزمىدىم ئۈمۈد،
ئۇچرىشارمىز بولساق دەپ ئامان .
ئەقىدەمدىن بىنا ئەتتىم باغ،
كەلسەڭ سېنى مېھان قىلغىلى.
بەڭۋاش ھېسلار قالدى مۇڭ بىلەن،
مۈشكۈل بولغاچ ئاشىق مەنزىلى .
گەر سىغىنغان بولساڭ سەن مېنى ،
خەۋەر بەرگىن پۇرسەتلىرىڭدە .
ئەنسىزلىكتە قالدۇرما ئەسلا ،
سىغىنىشنى ساقلاپ ئىچىڭدە .
سالامىڭدىن ياشارسۇن يۈرەك ،
يوق بوپ كەتسۇن دىلدىكى مانان.
سىغىنىشنىڭ تەكرارلىغىدا ،
سۆيگۈ كۆكلەپ بارار ھەر زامان .

+++++++++++++++++++++++
مەن بارايمۇ ئالدىڭغا


بىلەمسەن يۈرۈكۈم سىغىنىش بىلەن تولدى.سەن ئۈچۈن تەلمۈردىم،سەن ئۈچۈن شەيدالىق قۇچۇقىدا تەققەززا بولدۇم. يۈرۈكۈم چوغ ئۈسىتىگە چۈشكەن قىل كەبى تولغانماقتا.سەندىن تاقەتسىزلىك ئىچىدە خەۋەر كۈتتۈم. بەكلا جىمجىتقۇ سەن ... ئەگەر ئىجازەت بەرسەڭ شۇتاپتىلا لاچىندەك ئۇچۇپ ئالدىڭغا بارغىم بار... ئىشەنمىسەڭ نەزىرىڭنى تۆۋەندىكى قۇرلارغا ئاغدۇرغايسەن....

رەشىكلەردىن ئۆرتەندىم تالاي،
پىراقىڭدا چوغلۇنۇپ يۈرەك .
دىدارلاشماق بولدى زور ئارمان،
ئەمما پۇرسەت تاپمىدى تىلەك.
كۈتتۈم تالاي كۈتكەنسەن بەلكىم،
ئايان بىزگە يۈرەك تىۋىشى.
چەكسىز كۈتۈش سىغىنىش بىلەن،
پۈتەر ئىكەن سۆيگۈ كەچمىشى.
چاقىر مېنى باراي ئالدىڭغا ،
ۋىسال تاپسۇن تەشنا قەلبىمىز.
بەخىت بىلەن زوقلانسۇن كۆكلەپ،
ئىنتىزار بوپ تۇرغان ئىشقىمىز.
تەقدىر ئۈچۈن قىلىپ تەۋەككۇل،
ئىجازەت بەر كۈتىمەن خەۋەر.
تەشۋىشلەرنى قوغلايلى يىراق ،
شىجائەتتىن باغلاپ چىڭ كەمەر.

++++++++++++++++++++++++
ئەسلىگىن


يۈرۈكۈم سەن ئۈچۈن يەنىلا توختاۋسىز نىدا قىلىدۇ....سەندىن يەنىلا شۇنى ئۆتۈنگۈم كىلىدۇ....



ئەسلىگىن يۈرۈكۈم سەن بىلەن قالدى،
ئەسلىگىن ھاياتىم سەندىن نۇر ئالدى.
ئۇنتۇما،نەقەدەر پاكتۇر بۇ سۆيگۈ،
ئەمما ئۇ پاك پېتى مەڭگۈ تاق قالدى.

ئۇنتۇما،سەن ئۈچۈن ئىنتىلگەن يۈرەك،
كۈنلەردە نامايەن پىغانلىق تىلەك .
جۇدالىق بەك ئېغىر بولسىمۇ گەرچە،
ئۈمۈدلىك باقىدۇ ھامان كېلىچەك.

ئەسلە ھەم ئۇنۇتما جان بولسا تەندە،
سۆيگۈدىن مەنا بار مەندە ھەم سەندە.
ئەسلەش ھەم ئۇنتۇلۇش سەۋرىلىكىدە،
ئۆتىدۇ ھاياتتىن شۇنداق ھەر بەندە.


++++++++++++++++++++++++++++

تەقدىرگە ئامالسىز قىلدىم تەۋەككۇل


ئاغرىدى چىن ئاشىق يۈرۈكۈم بىلسەڭ،
مۇھەببەت ھىجىرىدە چىكىپ دەرت پىغان.
بىپەرۋاچۈش كۈرۈپ يۈرگەنسەن بەلكىم،
ئىشقىڭدا مۇڭلۇنۇپ چوغلانسا ئارمان .

ياتىمەن شۇ تاپتا ئىڭراش ئېىچىدە ،
خىيالغا سىرداشتۇر كىسەل كارۋىتى.
ئەزرائىل پىچىرلار قۇلاقلىرىمغا ،
ھايالسىز كەلگىدەك ئەجەل سائەتى.

شىپاگەر مەن ئۈچۈن بىرەر تەسەللى،
خيالىم شۇقەدەر خىرە بەك خىرە .
ۋاقىتسىز شۇم ئەجەل ئالماقتا قارشى،
قارچۇغۇم قىتىدا ئەشۇ مەنزىرە .

سەن ئۈچۈن ھەر دەقىق مۇھتاجدۇر دىلىم،
پۇرسەتتە رىزالىق ئالسام بۇلاتتى...
ئامالسىز تەقدىرگە قىلدىم تەۋەككۇل،
ئۇچراشسام بۇ قەلبىم شىپا تاپاتتى.

مىڭ ئەپسۇس ئۇچرۇشۇش بولمايدۇ نىسىپ،
بىلىمەن كۆرەلمەي ئۆلىمەن بەلكىم...
بىتاپلىق دەشتىدە يۈرگەندە ئىڭراپ،
ئاھ ، مېنى ياد قىلىپ قويمايدۇ ھېچ كىم.

+++++++++++++++++++++++++++

تۇرمۇش يولى

نەقەدەر پايانسىز ئۇزۇندۇر بۇ يول ،
قارىسام كۈرۈنمەس ھېچ بىر چەك-چېكى.
شادلىقلار بىردەملىك،كۈلكە بىردەملىك،
يەلكەمنى چىڭ باسقان سۆيگۈ ھەسرىتى.

مەنزىلىم ئالۋۇندەك كۆرۈنەر ھامان ،
سىلجىيمەن ئالدىمغا كۆپتۇر تاغ داۋان.
ئارزۇلار يانىدۇ ئويغاق يۇلتۇزدەك ،
ئارزۇلار كۆكلىتەر دىلدا ھاياجان .

ئېھ ،ھايات، قىسمىتىڭ بىلدۈردى شۇنى:
كەت دوستۇم ھەر زامان قايغۇدىن يىراق .
ئۈمۈدلا يار بولسا ساڭا مەڭگۈگە ،
ئىستىقبال گۈللىرى چاچار خۇش پۇراق.`


+++++++++++++++++++++++++++++
تېلېفۇنۇڭنى كۈتتۈم تەخىرسىز


ماڭغىنىمدا يىراق سەپەرگە،
تېلېفۇن قىپسەن ھالىمنى سۇراپ.
بۈگۈن قايتىپ كەلدىم سەپەردىن،
كۈرۈشمەككە شۇنچە ئالدىراپ .

تېلېفۇنۇڭنى كۈتتۈم تەخىرسىز،
ئارمانلاردىن ئىچىرقاپ شۇنچە.
تەشناللىققا تولماقتا قەلبىم ،
سېنى دەمدە خىيال قىلغانچە.

ئۇچۇرۇمنى كۆرگەن مىننۇتتا ،
خىيالىڭغا ئالارسەن مېنى .
ئەقىدەمدىن تىزدىم گۈلدەستە،
مۇججەسسەملەپ ئوتلۇق ئىشقىمنى.

++++++++++++++++++++++++++
خەۋىرىڭگە تەلمۈردىم شۇنچە

سىغىنىشقا تولغان قەلبىمدىن،
خەۋىرىڭگە تەلمۈردىم شۇنچە.
ئارمانلاردىن چوغلاندى قەلبىم،
ۋىسالىڭنى خىيال قىلغانچە.

شىرىن چۈشنىڭ قۇچىغى تامان،
ئەللەيلەنسەم دەمدە نەچچە رەت.
ئارمانلىرىم ئازاب قوينىدىن ،
چىللار سەندىن تىنماي مۇھەببەت.

خەۋەر بەرگىن ھالىڭدىن جىنىم،
مادار تاپسۇن غەمكىن بۇ دىلىم.
كۈتۈشلەردىن قالدۇرما غەمدە ،
ۋىسالىڭدىن روھلانسۇن جىنىم.

+++++++++++++++++++++++++
ئۈمۈد كۆزۈم تىكىلدى ساڭا


ئەنسىزلىكتە تەشۋىش ئىچىدە ،
ئولتۇراتتىم خىياللار سۈرۈپ .
تېلېفۇن كەلدى سەندىن ئۇشتۇمتۇت،
شىرىن چۈشتىن مېنى ئويغۇتۇپ.

پاراڭلاشتۇق ئۇزاقتىن - ئۇزاق ،
كەچمىشلەرنى سۆزلەپ بىر ھازا.
ئارمانلارغا قۇشۇشتۇق ئارمان ،
كەلگۈسىگە قىلىپ ئىقتىدا.

ئۈمۈد كۆزۈم تىكىلدى ساڭا ،
غازانلانى قىلما ھەدىيە .
قاخشال قەلبىم ياشارسا سەندىن،
مەن ئىشقىمدىن ئۇقۇي مەدىيە.

+++++++++++++++++++++++

سەۋدا ئاشىق بەندىمەن


كىزىپ يۈرگەن سۆيگۈ دەشتىدە ،
سەۋدا ئاشىق غەمكىن بەندىمەن.
ئارمانلىرىم كۈتۈش ،تەشۋىشتە ،
ھەر دەملەردە تالاي غەمدە مەن.

ئىنىق ھامان سۆيگۈم نەپرىتىم،
ئەمما ماڭا كۆيمەيدۇ ھېچكىم .
مەن كۈتسەممۇ چەكسىز ئۈمۈتتە،
ئىشقى بىلەن سۆيمەيدۇ بەلكىم.

سۆيگەنلەرگە ئەقىدەمدىن باغ،
بىنا قىلىپ قويدۇم يۈرەكتە.
چەكسىز ئىخلاس،ساداقەتلىرىم،
ئايان شۇڭا ئوتلۇق تىلەكتە.

++++++++++++++++++++++++++
سۆيمەك بولساڭ سۆي مېنى


تەكرار سورماي كەچمىشلىرىمنى،
سۆيمەك بولساڭ سۆي جاندىن مېنى.
ساداقەتتە جاۋاپ بىرۇرمەن ،
ئىشقىم بىلەن ساڭا بىر كۈنى.

سۆيگۈ ئۈچۈن تەلپۈنگەن ئەرمەن،
ئىشقىم ھامان چەكسىزدۇر چەكسىز.
كىزىپ يۈردىم مەغرىق-مەشرىقنى ،
تاپالماستىن ئەڭ سۆيۈملىك قىز.

سۆيگۈڭ ماڭا قادالغان بولسا،
مۈشكۈللەردە سىناپ باق مېنى.
بەلكىم سۈيۈپ قالارسەن دىلدىن،
گەر سۆيمىگەن بولساڭ ھېچكىمنى.

+++++++++++++++++++++++++++

تارتىنما، ئەي لىۋەن چۆككىن باغرىمغا

خەيرىيەت بۇ كۆڭۈل چۈشۈپتۇ ساڭا،
ھىجراننىڭ دەشتىدە نەچچە يىل يۈرۈپ.
مۇھەببەت ئوتلىرى كۈل قىلدى مېنى،
يۈرەكنى شەپقەتسىز ئوتتا كۆيدۈرۈپ.

تارتىنما، ئەي لىۋەن چۆككىن باغرىمغا،
سۇمبۇلدەك چىچىڭنى سىلىسۇن قۇلۇم.
ئۆتمۈشۈم ئۇنتۇلسۇن سۇغۇق چۈش بۇلۇپ،
يۇرۇسۇن سۆيگۈدىن بۇ ھايات يولۇم.

ساداقەت پەخىردە ئۇلۇقلاپ سېنى،
ياش تۆكۈپ ئولتۇرۇپ سۆيەي ئېچىرقاپ.
ئۆمرۈمنى يىرىمى ئۆتتى ئارماندا،
بولدى بەس يۈرمىگىن ئەمدى يىتىرقاپ.

++++++++++++++++++++++++++++
بىلمەيسەن

بىلمەيسەن نە ئۈچۈن كۆيەر بۇ يۈرەك،
بىلمەيسەن نە ئۈچۈن ئۇيقۇسىز تۈنلەر.
بىلمەيسەن باغرىدىن سىرغىتىپ ياشلار،
قەلبىمدە پورەكلەپ ئېچىلسا گۈللەر.

بىلمەيسەن نە ئۈچۈن ھەسرەتلىك كۈيلەر،
بىلمەيسەن نە ئۈچۈن تۆكۈلەر كۆز ياش.
بىلمەيسەن تەلمۈرۈپ كۈتكىنىمنى ئاھ،
گوياكى ئۆلۈمنى كۈتكەنگە ئوخشاش.

شۇ قەدەر ساددا سەن،شۇقەدەر ئەخمەق،
بىلمەيسەن نېمە ئۇ زادى مۇھەببەت.
ھەممىنى چۈشۈنۈپ قالارسەن بەلكىم،
مۇھەببەت قەلبىڭگە باشلىسا كۈلپەت.

+++++++++++++++++++++++++++
نەقەدەر قىيىندۇر سۆيگۈسىز ياشاش

ئازابى نەقەدەر چەكسىزدۇر، چەكسىز،
بىر قىزنى ھەقىقى ياخشى كۈرۈشنىڭ.
سۆيگۈنىڭ دەھشەتلىك گۈلخانلىرىدا،
گوياكى سەمەندەر بۇلۇپ كۈيۈشنىڭ.

ئۇيقۇسىز كېچىلەر ئۆتەر مەنىسىز،
يۇلتۇزلار ھەسرەتتىن تۆككەندە كۆزياش.
يۈرەكتە مۇھەببەت مەۋىج ئۇرسىمۇ،
نەقەدەر قىيىندۇر سۆيگۈسىز ياشاش.

بىر جەسەت دەپ مېنى ئويلا مۇھەببەت،
يۈرىكى گوياكى مۇز بۇلۇپ قاتقان.
ھەسرەتلىك كۈيلەرنى مۇجەسسەم ئەيلەپ،
تۈنلەردە ئارمانلىق ئويلارغا پاتقان.


++++++++++++++++++++++++++++++
ماڭا ئاشىق قىز يوقمۇ

ئېچىلدۇردۇم دىل بېغىمدا گۈللەرنى،
شەبنەم بۇلۇپ چاقنار كىممۇ بەرگىدە؟
مېنىڭ قەلبىم پايانى يوق بىر ئاسمان،
ئاققۇ بۇلۇپ ئۇچار كىممۇ قھرىدە؟

سانسىز كۈنلەر كۈتتۈم ئۈنسىز كىمنىدۇر،
باستى ھەسرەت قالدىم تەنھا مۇڭلۇنۇپ.
ئۇزاق تۈنلەر چۈشلىرىمدۇر قۇپقۇرۇق،
كەتتىم تالاي ئارمان بىلەن ئويغۇنۇپ.

سۈتتەك كېچە كەزدىم دەريا بويىنى،
قالدى ئۇندا غېرىپ - مىسكىن ئىزلىرىم.
مەن ياڭرىتىپ ئاشىقلىقنىڭ كۈيىنى،
پىغان ئىچرە ئاھ كىمنىدۇر ئىزلىدىم.

مەيلى يىغلاي ،مەيلى كۈلەي ھاياتتا،
ئىزلىرىمغا ئىز بولغىدەك ئىز يوقمۇ!
مەغرىق بىلەن مەشرىق ئارا تەمۈردىم،
بۇ جاھاندا ماڭا ئاشىق قىز يوقمۇ؟

++++++++++++++++++++++++++
مەن سېنى سۆيگەچكە شۇنچە ئەسەبى


- بىلەمسەن؟ مەن سېنى نەقەدەر ياخشى كۆرىمەن ھە...؟ - ھەيرانمەن شۇنچە تەستە كەلگەن پۇرسەتتە مېنى ئۈمۈدسىزلەندۈردىڭ،ماڭا ئۆلۈمدەك جىمجىتلىقنى ھەدىيە قىلدىڭ...
-توۋا مەن شۇنچە تەققەززالىق ئىچىدە سەندىن شۇ ئازابنى كۈتكەنمۇ؟ بىلسەڭ كىرەك مەن بۇ پۇرسەت ئۈچۈن قانچىلىك تەققەززا بولغان...؟
سەندىكى پەرۋاسىزلىق،سەندىكى تاش يۈرەكلىك ئازاپقا تولغان يۈرۈكۈمنى يەنە چاياندەك چاقتى...تۇيغۇم زۇلمەتلىك كېچە قوينىغا غەرىق بولغان بىر مەنزىرنى ھېس قىلىپ،خۇددى قار باسقان ئۇۋىدەك خىيال قوينىدا قالدىم... خەيرىيەت مەن يەنىلا سەندىن ئۈمۈد كۈتىمەن... شۇ كۈنكى ھېس ھاسىلاتىمنى ساڭا سۇناي....

مەن زۇلمەت تۈنلەردە كەتتىم ئويغۇنۇپ،
چۈشۈمدىن پەر قىقىپ ئۇچتۇڭ قۇشلاردەك.
قار باسقان ئۇۋىدەك قالدىم يىگانە،
يۈرەكنى دەرت -ھەسرەت ئەزدى ئەجەپ بەك.

بۇ چاڭقاق ئۈمۈدلەر قالدى سەن بىلەن ،
روھىمدەك جىمجىتلىق باستى كۆلبەمنى.
مەن سېنى ئۇنتۇپ شاد ياشايمەن دىسەم،
تەسسەددۇق ئەيلىدىڭ مۇزدەك كۈنلەرنى.

ئاھ ،ساڭا خوش دېمەك نەقەدەر قىيىن،
ئايرىلدىم جېنىمدىن ئايرىلغان كەبى.
جۇدالىق شۇنى ھېس قىلدۇردى ماڭا،
سۆيگەنتىم بىر سېنى شۇنچە ئەسەبى.

++++++++++++++++++++++++++


ياشا يۈرىكىم،ياشا مۇھەببىتم

ھارغىن يۇلتۇزلارغا تاشلايمەن نىگاھ،
يۇلتۇزلار چېچىلغان خىيالىم گويا.
يارىمنىڭ چېچىدەك غەمكىن ھىلالئاي،
سىڭمەكتە ئۈنتۈنسىز بۇلۇت باغرىغا.

يالغۇزمەن شۇقەدەر،شۇ قەدەر يالغۇز،
ئەتراپىم قاپلانغان غېرىپلىق بىلەن.
قايداسەن ۋىسالنىڭ نۇرلۇق سەھىرى،
قايداسەن مەن كۈتكەن سۈيۈملىك لىۋەن؟

زارىقىش ،كۈتۈشتىن ئۆرتىنەر يۈرەك،
بۇ شۇنداق سۆيۈملىك،مەڭگۈلىك ئازاپ.
ئايرىلىش بۈلدۈرەر سۆيگۈ قەدرىنى ،
كەتسىمۇ ھەممىسى مەندىن يىراقلاپ.

كەچۈرگىن ئەي ۋىسال پاك قال ئەبدىي،
مەن سېنى كۈتىمەن يەنىلا بەلكىم.
خىتابىم قۇياشقا يىزىلار ئۈنسىز ،
ياشا ئەي يۈرىكۈم،پاك مۇھەببىتم.


+++++++++++++++++++++++++
خىيالىمدا پەقەت بىرلاسەن

ئۇنتۇش شۇنداق ئاسانمۇ ساڭا،
ئۇنتالمايمەن ئىشقىمدىن سېنى.
خىيالىمدا پەقەت بىرلا سەن،
ئۇنتۇلدۇرار ھەممە ھەممىنى.

پىراقىڭدا سەرسان بۇ كۆڭلۈم،
تۈنلەر گۇۋا ئاھۇ -زارىمغا.
تەلمۈرسەممۇ ۋەسلىڭگە تالاي،
يەتمەيسەنغۇ پەقەت ھالىمغا.

گەر ئىنساندا بولسا ئىرادە،
ھەر مۈشكۈللەر ئاساندۇر-ئاسان.
ئۈمۈدۋارلىق ھايات رىغبىتى،
قەدەملەردە بولسىلا ئايان .

چۈشكۈنلىكتە قىلمىغىن نىدا،
ئۇنتالمايمەن <<ئۇنۇت>> دىگەنگە.
بەخىت ھامان ئاچقۇسىس قۇچاق،
پۇرسەتلەرنى تۇلۇق بىلگەنگە.

+++++++++++++++++++++++

قەرىزدارمەن ئەقىدەڭگە ئالەمدە

بىلەمدىغانسەن؟ -ۋىجدانىم سېنىڭ ئەقىدەڭنى ئۇنۇتمايدۇ...بىلىمەن مەن ئۈچۈن بارلىقىڭنى تەقدىم قىلدىڭ... شۇتاپتا كىسەل ئازابىدا ئىڭراپ تۇرۇپ ،كۆز ياشلىرىمنى سىياھ قىلىپ ،يۈرەكتىكى ھەققى سادايىمنى مۇجەسسەم ئەيلەپ،بۇ قۇرلارنى يىزىۋاتىمەن....ناۋادا ھاياتلىق ئالىمىدا مەۋجۇتلا بولسام سېنىڭ تالاي ئەقىدەڭ ئۈچۈن ئەقىدەم بىلەن سەن سۈيۈنگىدەك جاۋاپ قايتۇرىمەن...ئەگەر ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتسەم تۆۋەندىكى قۇرلاردىكى يۈرەك سۆزلىرىمنى ساڭا يادىكار سۈپتىدە قالدۇردۇم... ئۆلۈم خەۋىرىمنى تاسادىبى ئاڭلىغىنىڭدا روھىمغا دۇئا قىلغايسەن.........

سۈيۈندىردىڭ ئەقىدەڭدىن قەلبىمنى،
پاك مېھرىڭدىن مەمنۇن بولدۇم دەملەردە.
تەشناللىققا سەندىن تاپتىم تەسەللى،
قەرىزدارمەن ئەقىدەڭگە ئالەمدە.

ئەجەل ئوقى كىلىپ تەگسە ئۇشتۇمتۇت،
قىيامەتتە قايتۇرارمەن ھەققىڭنى.
بىر سېنىلا سۆيگۈنۈمدىن زوقلاندىم،
فىلسىراتتا ھەدىيە قىپ ئىشقىمنى.

ۋاپادارلىق بۆشكىدە تەۋرەندىم،
مەمنۇنلۇقتىن دەرمان تىپىپ دەملەردە.
ئۈمۈد تاپتى سەندىن غەمكىن ئارمانلار،
قالغىنىمدا مۈشكۈل ئارا غەملەردە.

ھايات چەكسىز ئۆمۈر چەكلىك ھەقىقەت،
ئۇشتۇمتۇتلا خوشلىشارمەن ئالەمدىن.
بىتاپلىقتا جىينالدى جان نىمجانمەن،
ئويلىغانچە يىراق ئەمەس بۇ غەمدىن.

رازى بولغىن ئۆلۈپ كەتسەم ناۋادا،
روھىم ساڭا بەخىت تىلەر ئىشەنگىن.
ھەر مىنۇتتا چۈشكۈنلىشىپ بارغاچمەن،
يۈرەك سۆزۈم ئايان بولسۇن ئىشەنگىن.

++++++++++++++++++++++++++++

مەن سېنى سۆيمەكچى،سەن سۆيۈلمەكچى

مەن سېنى سۆيمەكچى ،سەن سۈيۈلمەكچى،
بۇ مېنىڭ يالقۇنلۇق ياشلىغىم بىلەن.
قانچە يىل پاكلىدىم مۇھەببىتمنى،
ۋىسال دەپ تۆكۈلگەن ياشلىرىم بىلەن.

ئاشىقلىق ھىجرىدە بولدۇم سەمەندەر،
ساناقسىز قىيالار توستى يولۇمنى.
ئارمانلار جاسارەت ئەيلىدى ماڭا ،
بىر ساڭا ئاتىدىم سۆيگۈ كۈيۈمنى.

ئۆمۈرلىك بىر ھەمرا ئىزلىدىم ئۈنسىز،
ئەقىدە يۆلەكداش بولدى مەنزىلدە.
چاڭقىغان كارۋاندەك يەتتىم بۇلاققا،
نە بۇلاق ،ئۇ سەنكى قىران پەسلىمدە.

+++++++++++++++++++++++++++
مەن سېنى سۈيەتتىم،بىراق...

سىغىنىشقا تولغان يۈرىكىم سېنى ھەر قاچان تىلەيدۇ...قۇياش نۇرلانغان سەھەرلەردە يىڭى بىر كۈن باشلانغانلىغىدىن چەكسىز ئۈمۈتلىنىمەن.چۈنكى بۇ بىر كۈندە سەندىن ئەڭ ياخشى بىر خەۋەر كىلىشى مۈمكىن دىگەن ئۈمۈد خىيالىمدا ھۆكمىران بۇلۇپ، كۆڭۈل تەشۋىشلىرىمگە يىڭىچە تەسسەلى بەخىش ئېتىدۇ...ئەپسۇس تولىمۇ ئەپسۇس كەچ كىرىش بىلەن تەڭلا ئەنسىزلىك ،تەشۋىش ،سىغىنىش، كۈتۈشلەرگە كۆنگەن تاماخور نىرىپلىرىم مەيۈسلىك دەشتلىرىدە سەرسان يىتىم قۇشتەك مەيۈسلىككە چۆكىدۇ...
ھەيرانمەن سۈيۈشكە كۆنگەن يۈرەك شۇنداق تاماغا كۈنۈپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ.سەن ئۈچۈن قانچىلىك ئاشىقلىقمنى بىلسەنغۇ...؟
سەن ئۈچۈن تالاي كۆڭۈل ئىزھارىمنى بايان قىلدىم،سەن ئۈچۈن تالاي ئۆتۈندىم....
ئەشۇ كۈندىكى ئۈتۈنۈشلىرىم ئىسىڭدىمۇ؟ ئەپسۇس سەن ماڭا پەرۋا قىلمىدىڭ.... شۇڭا دىل خاتىرەمگە ئۇشبۇ قۇرلارنى پۈتتۈم:

مەن سېنى سۈيەتتىم دىلدىن ئۇلۇقلاپ،
ئىشقىمدىن قەلبىڭگە تەسەللى بىرىپ.
ساداقەت مېھرىمنى ئاتايتىم دەمدە ،
سۆيگۈڭدىن ئالەمچە ئىپتىخار تىپىپ.

ئەجەپمۇ سۆيگۈمگە قىلمىدىڭ پەرۋا،
ھەيرانمەن تىل بىلەن دىلىڭ بىر ئەمەس.
تەلمۈرۈش،ئۆتۈنۈش تەكرارلانسىمۇ،
يوق سەندە مىڭ ئەپسۇس زەرىچە ھەۋەس.

قەلبىمنى تىلىدۇ سەندىكى مىجەز ،
گوياكى خەنجەردەك ئارامسىز دەمدە.
ئارمانلار غەم بىلەن تۆكەر ئۈنسىز ياش،
ئەيىتقىنا سەن نىچۈن تاش يۈرەك بەندە؟

سۈيۈشكە شۇنچىلا قىلساممۇ ھەۋەس ،
شەكلىنىپ كىلسەن ھەيرانمەن ھەيران.
سۆيمىسەڭ، باشقىنى كەلمەيدۇ سۆيگۈم،
رىزامەن تەنھالا ئۆتۈشكە ھەرئان .

++++++++++++++++++++++++++++
سۆيەي دىسەڭ


كەچكۈزدىكى تەنھا ياپراقتەك،
تىترەر مىنىڭ ئەنسىز بۇ قەلبىم.
خىياللىرىم ئەپ كىلەر سۇئال ،
ماڭا سىرداش ئەمەسمۇ ھىچكىم؟

بىر غۇۋالىق قوينىدا بەزى ،
سىماھىڭنى كۆرىمەن ئەمما.
گويا نۇردەك ئۆچۈپ بارىسەن،
ئارمانلىرىم كۈتۈرسە غەۋغا.

كۆڭلىم بۇلۇر شۇدەقىق غەمكىن،
چۈكۈپ تەكرار تاتلىق ئازاپقا.
ئىنتىلسەممۇ دىلدىن نەچچە رەت،
شۇ تەققەززا بولغان جاۋاپقا.

ئۈمۈدۈمنى ئەيلەپلا پايخان ،
تەشناللىقنى ئويۇن كۆرەمسەن؟
سۆيگۈ ئۈچۈن تەلمۈرسەم ساڭا،
پەرۋا قىلماي مەغرۇر يۈرەمسەن؟

سۆيەي دىسەڭ كۆڭۈل سىرىڭنى ،
بايان قىلغىن كۈتتۈم كۈتىمەن.
ساداقەتتىن كۆكلىتىپ ئەبەت،
سۈيۈپ سىنى مەغرۇر ئۆتىمەن.

++++++++++++++++++++++++

تېلېفۇن قىلىپ تۇرغىن ئەزىزىم

سايراپ كەتتى تۇساتتىن تېلېفۇن،
ئىكرانىغا تىكىلدىم مىختەك.
ئۈمۈدلىنىپ قالدىم ئۆزەمچە ،
سەندىن ياخشى خەۋەر كەلگەندەك.

ھەسرەتلەردىن خۇن بولغان باغرىم،
ئاۋازىڭدىن ياشاردى بۇدەم.
كۈتۈشلەردىن مۇڭلۇنۇپ قەلبىم ،
تۇتۇپ كەلگەچ ھىجراندا ماتەم.

تۇيغۇلۇرۇم تاپتى كۈچ دەرمان ،
تەشۋىشلىرىم باردى يىراقلاپ.
تېلېفۇن قىلىپ تۇرغىن ئەزىزىم،
ۋەدىلەرنى ئەمەلدە ئاقلاپ.

=======================

ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭشەھەر ناھيسىدە شىپاگەر.

ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.

         كۆرۈلۈشى:345     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-15 16:19:15يوللىغۇچى ئەزا:

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:بىلقىز ئەمەت(پاك)شېئىرلىرى
كېيىنكى ماقالە:ئاخىرقى ناخشا
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号