Article Center - ماقالە مەركىزى - بىلقىز ئەمەت(پاك)شېئىرلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


بىلقىز ئەمەت(پاك)شېئىرلىرى

ئاپتۇر: بىلقىز ئەمەت(پاك)

جۇڭغار قىزىمەن

پايانسىز جۇڭغار ئانا دىيارىم،
قەلبىم قىتىدىن سۆيگۈم بار ساڭا.
ساداقەت بىلەن كۈلگەن قىزىڭمەن،
قوينۇڭدا ھەردەم ئىشلەيمەن شۇڭا.

ئاتام ئىزىدىن مىڭىپ شان قۇچتۇم،
نېفىتلىك ئارا جاسارەت بىلەن.
مۈشكۈللەر ماڭا كار قىلماس ئەبەت،
ھەر بىر قەدىمىم ساداقەت بىلەن.

چايانسىز چۆللەر پەخرىمدۇر ھامان،
ھەر تامچە نېفېت چەكسىز رىغبىتىم.
ئۆمرۈمدىن خۇرسەن بولىمەن چۆلدە،
مەنالىق ئۆتسە ھايات ھەر قىتىم.

شۇڭا پەخىردە توۋلايمەن دەمدە،
جۇڭغار قىزىمەن ئىشچان غۇرۇرلۇق.
چەكسىز ئارمىنىم نېفېتكە شەيدا،
ئۆتمەكتە ئۆمرۈم ھەردەم ھۇزۇرلۇق.

-------------------------

تۇرغانسەنمۇ ئىسمىمنى يادلاپ


سېغىنشقا تولدى بۇ قەلبىم،
سەن چۈشۈمگە كىرمىدىڭ پەقەت.
ئويلىغانچە تۇلار قەلبىمگە ،
پايانى يوق سەرسانە ھەسرەت.

ئويلىغانچە تالاي ئويلۇرۇم،
بىر ساڭىلا بۇلۇدۇ مەھكۇم.
ئۇچۇپ بارغىم كىلار قىشىڭغا،
ئەمما بەكمۇ يىراقتۇر يولۇم.

كۈنۈم ئۆتەر تامالار بىلەن،
كۈتۈپ سەندىن سۈيۈملىك جاۋاپ.
سورغۇم كىلەر سەندىن تىنقتا،
تۇرغانسەنمۇ ئىسمىمنى يادلاپ.

------------------------
ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ

بىرى سۆيگۈگە شەيدا بوپ ئۆتسە،
بىرلىرى دەمدە قاخشاپ ئۆتەركىن.
<<خوش >>دەپ ئازاپنى ئۇزاتسا بىرى،
بىرى زارىقىپ جانان كۈتەركىن .

شۇنداق دەۋرىلىك قويندا ھايات،
سۆيگۈ نەپرەتنى ھېس قىلار ئىكەن.
بىرنى قايغۇدا قالدۇرسا بىرنى،
بىرنى ھۇزۇردىن يايرىتار ئىكەن.

بۇ ھايات شۇنداق مەنىلىك گۈزەل،
ئىخلاسمەن ئۈچۈن ھېممىتى چەكسىز.
كىمكى جاسارەت ساداقەت بىلەن،
ياشىسا قەدرى ئۆسىدۇ شەكسىز.

-----------------------------


كۈتىمەن سېنى

خەيرى خوش دەپ شۇچاغ ئۇزىتىپ سېنى،
كۆزۈمدىن تاراملاپ ئاقتى ياشلىرىم.
بىپايان چۆللەردە سەزدىم ئۆزەمنى،
ئايرىلىش ئازابىن سەزگەچ يۈرۈكىم.

سەزمەيمەن شۇ تاپتا زادى ھېچ نىمە،
شۇ قەدەر غەمكىنمەن ھىجرانلار ئارا.
ئارمانىم سەن ئۈچۈن بولدى يۇللۇغۇم،
ئەسلەپ قوي سىغىنىش ئەسىر قىلغاندا.

قىيالماي كەينىڭگە باقتىڭ نەچچە رەت،
ھېس قىلىپ غەم ئىچرە قالغانلىقىمنى.
ئامان بول تىلەيمەن بەختىڭنى دەمدە.
خىياللار قوينىدا چىشلەپ لىۋىڭنى.

ئۇچرۇشۇش پۇرسىتى ئەمەسقۇ يىراق،
كۆرشۈش بىز ئۈچۈن ھېچ قىين ئەمەس.
ساداقەت نۇرلانسا قەلىب تۆرىدە ،
شۇ يىراق ئارلىقمۇ يىراق بىلىنمەس.

بىلىمدىن كۈچلىنىپ كەلگىن نىگارىم،
نېفېتلىك باغرىدا كۈتىمەن سېنى.
ئىزھارىم ھەر قاچان بولسۇن ئىسىڭدە،
كۈلىمىز ۋىسالدىن يايراپ ھەر كۈنى

------------------------

يوقايدۇ قاچانمۇ سەن سالغان ئەلەم

قەلبىمدە قالدىغۈ ھەسرەتلىك يىغا،
ئاھىمدىن تىترەيدۇ يۈرۈكۈم دەھشەت.
داغلاندى كەچمىشتىن مۇڭلۇنۇپ يۈرەك،
ئارامسىز تىلغاچقا دەرتلىرىم ھەر رەت.

سۆيۈمەن دىگەنتىڭ يۈرەكتىن مېنى،
ئالدىماق بولدۈڭمۇ سۆيسەم مەن سېنى.
سۆيگۈنىڭ يالغانمۇ قالدىم ھەسرەتتە،
غەش قىلدى ھەجەپمۇ يۈرىكىڭ مېنى.

يوقايدۇ قاچانمۇ سەن سالغان ئەلەم،
يۈرەكتە قالارمۇ ساقايماي ئىزلار.
ھەسرەتلەر جېنىمدىن قىلغاندا جۈدا ،
ئۈزۈلۈپ تۈگەرمۇ كۈرۈنمەس يىپلار.


------------------------

ئۇنۇتتۇڭ

يار مۇزدەك مەلەڭگە بارىمەن تەكرار،
سېنىڭدىن خەۋەر يوق ھالىم بەك خاراپ.
باغرى تاش ئۇنۇتتۇڭ شەيدالىقىمنى،
ھالىمغا ئاي ھەمرا بىلەمسەن شۇ تاپ.

ئەسلىمەس بولدىمۇ يۈرۈكۈڭ مېنى،
ئۇنۇتتۇڭ يۈرەكتىن سېغىنسام سېنى.
ھالىڭدىن خەۋەر يوق يىغلار يۈرۈگۈم،
نىگارىم نەسەۋەپ ئۇنۇتۇڭ مېنى.

كار قىلماس ھىچ شۇ تاپ ماڭا ھىچنىمە،
ئۈمىدىم سېنىڭدىن كەلسىكەن ئۇچۇر.
سېغىنىش ئىلكىدە ئۆتمەكتە كۈنۈم،
تاپامسەن يەنىلا قەلبىمدىن قۇسۇر.

--------------------------

مېنىڭچىلىك سۆيمەيتى ھىچكىم

سېنى سۆيگەچ يايرىم دىلىمدىن ،
ئەقىدەمدە ياشناتقان ئىدىم.
ئەپسۇس لېكىن داغلاندى يۈرەك،
سەندىن ئاقتى ھەسرەت ياشلىرىم.

سۆيگەنلىگىم گۇنا بولسىمۇ،
ئالدىمىساڭ بولماسمۇ مېنى.
نىمانچىلىك باغرىڭ تاش سېنىڭ،
سۆيدىم دىگەن سۆزلىرىڭ قېنى.

قەسەملىرىڭ يالغانمۇ ئەسلى،
يا مەن ئۈچۈن قۇرغانمۇ توزاق.
سۆيگىنىمگە بېرىپسەن جازا،
ساداقىتىڭ ئىدىمۇ شۇنداق. ؟

ئەلەملەردە قالدۇرۇپ مېنى ،
بەلكىم خۆشال ياشارسەن بەلكىم.
سەنلا خوشال ياشىساڭ ئەگەر،
ئېزىلسىمۇ رازى مەن باغرىم .

مېنىڭچىلىك سۆيمەيدۇ ھىچكىم،
ساداقىتىم ئايانتى ساڭا.
گەريەنىمدىن كەتسەڭمۇ سۈيدۇم ،
خارلاپ ئازار بەرسەڭمۇ يانا.

----------------------------

سىرلىرىڭنى بىلگەن چېغىمدا

سىرلىرىڭنى بىلگەن چېغىمدا،
ئازاپلاردىن ئۆرتەندى يۈرەك.
ئالداندىممۇ ئېيقىنا ساڭا،
سەن سۆيگۈمگە ئىدىڭ يار يۆلەك.

شاختىن شاخقا قونۇپ قەلبىمدە،
يۈرۈگۈمگە ساڭدىڭ دەرت -ئەلەم.
نىمە قىلدىم ساڭا شۇنچىلىك،
سۆيدىم دەيسەن سۆيمىگەن ئادەم.

ئالداپ كەپسەن ئەسلىدە مېنى ،
چىن يۈرەكتىن يار بىلىپ سۆيسەم.
ئەقىدەڭگە سادىق دىگىنىڭ ،
يالغان ئىكەن ئەمدى چۈشەنسەم.

رەنجىمەيمەن ئەمما سېنىڭدىن،
ئەلەملەرنى بەرسەڭمۇ ماڭا.
خەيرى دەيمەن جېنىم سويگۈنۈم،
كېتەي بەخىت تىلەيمەن ساڭا.

------------------------
قۇيمىچى

تونۇپ يەتتىم قۇيمىچى،
سېنىڭ ئەسلى ۋەسلىڭنى.
پۇراپ ھەريان ئىتلاردەك،
يۈردىڭ ئويلاپ باپلاشنى،

ھىلەڭ بىلەن پەدازلاپ،
شىرىن شىكەر سۆز بىلەن.
ئەل قەلبىنى قاخشاتتىڭ،
ئالدىماققا پەم بىلەن.

ئىشەنگەچكە دوست-يارەن،
سەن ئالدىساڭ ئالداندى،
ھەتتا سېنى سۆيگەننىڭ،
يۈرەكلىرى داغلاندى.

سەن تايارتاپ ھارامغا،
ئۈگەندىڭمۇ ئۇيالماي.
قاچانغىچە باپلايسەن،
ھىچ ئۆزەڭنى سورىماي،

سورىمىساڭ ئۆزەڭنى،
سىرىڭ بولۇر ئاشكارە.
ئاشكارلانماس دىمىگىن،
ئەلنىڭ كۆزىى نۇرانە.

بولدى قىلغىن قويمىچى،
ئالدىمىغىن قەدەمدە.
مىھنەتلەرگە شەيدا بول،
سەن داۋاملىق ھەردەمدە.

--------------------

         كۆرۈلۈشى:311     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-15 16:17:56يوللىغۇچى ئەزا:

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
كېيىنكى ماقالە:سۆيگۈ نىدالىرى(كامىلجان ناسىردىلداشنىڭ شېئىرلار تو
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号