سۆيەلمەي ، سۆيدۈرمەي ئۆتۈش بىر ئازاب
قاشتېشى تورىدىن ئېلىندى
شۇنچىلىك ئىنتىلدىم سۆيۈشكە سىنى ، لەۋلىرىڭ يۇلغۇنۇپ تۇرسىمۇ شۇدەم . بىلىمەن سىنىڭمۇ سۆيگۈڭ بار مىنى ، قەلبىڭدە مىڭ لەززەت ،كىرپىكىڭدە نەم .
بوينۇمغا گىرەلەر سالىسەن ئەمما ، داجىيسەن بىر تاتلىق سۆيۈشلىرىمدىن . ئوتۇڭدا كۈل قىلىپ ،قالدۇرۇپ تەنھا ، يا لەززەت ئالامتىڭ كۆيۈشلىرىمدىن .
قانداقمۇ ئۇنتاي ئاھ ، ئوماق پەرىشتەم ، ئىھ، سىنىڭ ئاتەشلىك بىقىشلىرىڭنى . ياپراقتەك دىلدەرەپ،قۇچاقلاپ مەھكەم ، مەڭزىمگە مەڭزىمنى بىقىشلىرىڭنى .
ھىلىمەم مەڭگۈلۈك گۈلۈم دەپ بىلىپ ، قىسىمەن چىكەمگە ئاۋايلاپ سىنى . قاچانمۇ لىۋىڭگە سۆيەرمەن قىنىپ ، ۋەسلىڭگە يەتكۈزگىن قىينىماي مىنى .
|