|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
|
بىل
ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)
تۇغۇلدۇڭ پانى ئالەمگە ياشاش پەزلىنى قىممەت بىل، ھايات كانىدا گۆۋھەرلەر قېزىشنى سەن غەنىمەت بىل.
لاغايلاپ ئۆتمىسۇن ئۆمرۈڭ ئېقىپ گوياكى لاي سۇدەك، پەرىقسىز قىممىتى قۇزغۇن ياشاش مىڭ يىلكى غەپلەت بىل.
ۋەتەن - خەلقىڭ ئۈچۈن ئىشلە ياشاپ قالساڭمۇ گەر بىر يىل، شۇچاغ ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشايسەن مىڭغا نىسبەت بىل.
سېنى ئوغلۇم دىبان تۇغدى پەخىردە جان ئاناڭ دوستۇم، ئاناڭنى چىن رىزا ئەيلەپ زەپەر قۇچماقنى سۈننەت بىل.
ياشا ئۆز مېھنىتىڭ بىرلە كىشى ھەققىگە قول سوزما، تامادا ئىچكىچە شەربەت سۇغۇقسۇ ئىچكى لەززەت بىل.
ئىزىن بويلاپ ئاتاڭنىڭ سەن ئىجاد بىرلە زەپەر قۇچقىن، ئىجاد يولىدا ھەردەمدە جاپا - مېھنەتنى راھەت بىل.
ئۈگەن ئىزدا تۇرۇپ قالماي كىرىپ قەددىڭنى مەغرۇر يۈر، جاھاندا قەد كىرىش پەيتى ئېلىمدە بۇنى پۇرسەت بىل.
ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭشەھەر ناھيسىدە شىپاگەر. |
كۆرۈلۈشى:379 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-15 12:34:53 | يوللىغۇچى ئەزا:admin |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|